ئىدىيەنىڭ بۇزۇلۇشى ئىستىلنىڭ بۇزۇلىشىدىنمۇ خەتەرلىك
ئىدىيەنىڭ بۇزۇلۇشى ئىستىلنىڭ بۇزۇلۇشىدىنمۇ خەتەرلىك، چۈنكى ئىدىيەسى بۇزۇلغان ئىنسانلارنىڭ تەسىرى ئۆزى بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ، بەلكى جەمئىيەتتە بۇزۇق ۋە بۇزغۇنچى پىكىرلىرىنى تارقىتىپ باشقىلارنى ئازدۇرۇشقا ئۇرۇنىدۇ.
ئەمما زىنا دېگەندەك چوڭ گۇناھلارنىڭ بىرەرسىنى غاپىللىق يۈزىسىدىن قىلىپ سالغان ئىنسان كۆپىنچە ھالەتتە ئۆزى بىلەن چەكلىنىدۇ ھەمدە تەسىرى چەكلىك بولىدۇ، چۈنكى ئۇ نومۇس قىلىپ بولسىمۇ، ياكى جەمئىيەتتىن چەتكە قېقىلىپ ئايرىلىپ قېلىشتىن ئەنسىرەپ بولسىمۇ، ئۆزىنىڭ ئىستىلنىڭ بۇزۇلغانلىقىنى ئاشكارا قىلمايدۇ ھەمدە باشقىلارنى ئۇ يامان ئىشنى بازارغا سالمايدۇ.
ئەلۋەتتە، بۇ يەردە چوڭ گۇناھقا تەۋە ئىستىلى خاتالىقنى مەخپىي قىلىپ سالغان كىشى بىلەن ئىستىلى خاتالىقنى ئاشكارا قىلغان ۋە پەخىرلىنىپ باشقىلارغا تەشۋىق قىلغان كىشىلەر ئارىسىدا تەسىر ۋە جازا جەھەتتىن پەرق بار.
زىناغا ئوخشاش چوڭ گۇناھ قىلىپ سېلىش ئارقىلىق ئىستىلى بۇزۇلغان، ئەمما باشقىلارنى گۇناھقا چاقىرمىغان كىشىنى تەۋبە قىلىشقا، ئۇ گۇناھنى قايتىپ سالماسلىققا ۋە ياخشى ئىشلارنى كۆپ قىلىش ئارقىلىق گۇناھىنى يۇيۇشى ئۈچۈن دەۋەت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ، لېكىن ئۇ كىشىنى مەخپىي قىلىپ سالغان گۇناھىي سەۋەبلىك مەشھۇر قىلىپ سازايى قىلىۋېتىش توغرا ئەمەس، شۇنداقلا ئۇ كىشىنىڭ گۇناھىنى ئاقلاشمۇ توغرا ئەمەس.
بۇنىڭغا قارىتا ئىشنىڭ توغرىسى ئۇنى تەۋبە قىلىشقا ۋە توغرا يولغا قايتىشقا چاقىرىپ نەسىھەت قىلىشتۇر. گۇناھتىن يانسا ئۇنىڭ ئۆتكۈزگەن گۇناھىنىڭ جازاسىنى ئىلاھىي ئادالەت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكمىگە تاپشۇرۇشتۇر.
ئەگەر ئىنسان بۇ چوڭ گۇناھ ئاشكارا قىلىنغان بولسا، ياكى ئۇ چوڭ گۇناھنىڭ دەلىل پاكىتلىرى شۈبھىدىن خالىي ھالدا كەسكىن ئوتتۇرىغا چىققان بولسا، ئۇ چاغدا دەۋاگەر تەرىپىدىن مەھكىمىدە قازى ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. شەخسلەرنىڭ ياكى تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىنىڭ قازىلىق قىلىشىغا، ئارىلىشىشقا ۋە جازا ئىجرا قىلىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ.
ئەمما ئىدىيەسى ئېنىق بۇزۇلغان كىشىگە قارىتا قوللىنىلىدىغان توغرا ئۇسۇل دەسلەپتە ئۇنىڭغا ئېنىق توغرا ئىدىيە بىلەن ئېنىق خاتا ئىدىيەنى چۈشەندۈرۈش، ئېنىق خاتا ئىدىيەدىن يېنىشقا ۋە تەۋبە قىلىشقا چىرايلىق دەۋەت قىلىش، شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ئۇنىڭ بۇزۇق ئىدىيەسىنىڭ جەمئىيەتتە تارقىلىپ قالايمىقانچىلىق ۋە بۇزغۇنچىلىق پەيدا قىلماسلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭغا پىكرىي جەھەتتىن ئىلمىي شەكىلدە رەددىيە بېرىشكە ۋە باشقىلارنى ئۇنىڭ ئازغۇن پىكىرلىرىدىن ئاگاھلاندۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ.
دېمەك، ئىدىيەسى بۇزۇلغان كىشى بىلەن ئىستىلى بۇزۇلغان ئىككى كىشىنىڭ ئارىسىدا چوڭ پەرق تېپىلىدۇ. بۇنىڭغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.
بىز ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئەڭ ئېغىر خەتەر ئىستىلنىڭ بۇزۇلۇشىدىن بەكرەك ئىدىيەنىڭ بۇزۇلۇشىدىن، دۈشمەننى دۈشمەن دەپ بىلمەسلىكتىن، دوست-دۈشمەن ئەقىدىسىنى ئۇنتۇپ كەتكەنلىكتىن، تاجاۋۇزچىنىڭ كىملىكىنى ۋە زۇلۇملىرىنى ئۇنتۇپ كېتىشتىن، قېرىنداشلىق ۋە ئىناقلىقنىڭ پەرز ئىكەنلىكىنى چۆرۈپ تاشلىغانلىقتىن، بىر پۈتۈن كىملىكىمىزگە ۋە قىممەت قاراشلىرىمىزغا ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ھەمدە مىللەتنى بۆلۈپ تاشلايدىغان پىكىرلەرنى جەمئىيەتە تارقىتىشقا ئۇرۇنۇشتىن كېلىپ چىقماقتا.
بۇ ھەرگىزمۇ ئىستىلنىڭ بۇزۇلۇشىنى ياكى ئاللاھنىڭ ئالدىدا ئېغىر ھېساۋاتى بولغان چوڭ گۇناھلارنىڭ بىرىنىڭ سادىر قىلىنىشىنى ھەرگىزمۇ يەڭگىل سانىغانلىق ئەمەس، بەلكى بۇ ئىككى تۈرلۈك خاتا ئىشنىڭ بۇزغۇنچىلىق دەرىجىسىنى بايان قىلغانلىقتۇر.
مىسال ئالىدىغان بولساق، قۇرئان- سۈننەت ئىنكارچىلىرى، مىللەتنىڭ بىر پۈتۈن كىملىكىنى پارچىلاشقا ئۇرۇنغۇچىلار، مىللەتنىڭ مۇقەددەساتلىرى ۋە قىممەت قاراشلىرىغا ھۇجۇم قىلغۇچىلار، دۈشمەننىڭ مۇستەملىكىچىلىك ياكى تەسلىمىيەتچىلىك ئىدىيەسىنى بازارغا سېلىپ ئىچكى جەھەتتىن ئىدىيە توقۇنۇشى پەيدا قىلىۋاتقان مۇتەخەسسىس شەيتانلار، ھۆرلۈك ۋە مۇستەقىللىق روھىدىن ئۈمىدسىزلىك پەيدا قىلىۋاتقان ئىبلىسلار، تاجاۋۇزچىلارنى يامان كۆرمەسلىككە ۋە ۋەتەن- مىللەتكە خىيانەت قىلىشقا تەشەببۇس قىلغۇچى ساتقۇنلار، ھېجىقىزلىق ياكى زىنا تەشۋىقاتىنى قىلغۇچىلار…دەل ئىدىيە بۇزۇقلۇقىنىڭ نامايەندىلىرىدىن ئىبارەت.
ئۇيغۇرلار بىر ئەسىردىن بىرى دۇچ كېلىۋاتقان ئەڭ چوڭ خەتەر بىلىمسىزلىك، خىيانەت/ ساتقۇنلۇق ۋە بىرلىشەلمەسلىك بىلەن خۇلاسىلىنىدىغان بولسا، يېرىم ئەسىرنىڭ ئالدى كەينىدە ئۇنىڭغا ئىدىيە بۇزۇقلۇقى، مۇستەملىكىنى يامان كۆرمەسلىك ئىدىيەسى ۋە تاجاۋۇزچى بىلەن چىقىشىپ ياشاش بۇزغۇنچىلىقلىرى قوشۇلۇپ بۇ ئىللەتلەر كۈنسېرى ئەۋج ئالماقتا.
مانا بۇ يۇقىرىدىكى ئىدىيە بۇزۇلۇشىنىڭ خەتەرلىرى شەخسى ۋە مەخپىي شەكىلدە قىسمەن يۈز بېرىپ سالىدىغان ئىستىلى بۇزۇلۇشقا سېلىشتۇرغاندا ئىنتايىن خەتەرلىك ھېسابلىنىدۇ.
بۇ سەۋەبتىن، ئىدىيەنىڭ بۇزۇلۇشى ئىستىلنىڭ بۇزۇلۇشىدىنمۇ ئىنتايىن خەتەرلىك.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي.