سىياسىي ھەرىكەتنىڭ كۈچى نەدىن كېلىدۇ؟
سىياسىي ھەرىكەتكە ياكى سىياسىي پائالىيەتكە كۈچ، روھ ۋە ئىزچىللىق ئاتا قىلىدىغان ھالقىلىق ئامىل ساغلام ئەقىدە، سىياسىي پىرىنسىپ ۋە قېرىنداشلىق روھىدۇر.
شۇڭا، ھەرقانداق جەمئىيەت ياكى تەشكىلات ياكى بىرلىك… مىللەتنىڭ بىر پۈتۈن كىملىكىگى ۋە قىممەت قاراشلىرىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان سىياسىي ئىدىيە ئاساسىدا شەكىللەنمىگەندە، سىياسىي كۈرەش يولىدا ئۇزۇن مەزگىل بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ، سەپ بىرلىكى كۈچلۈك بولمايدۇ ھەمدە قېرىنداشلىرى بىلەن ماسلىشىپ ساغلام ھەرىكەت قىلالمايدۇ.
چۈنكى، سىياسىي كۈرەش يولىنى داۋاملاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولىدىغان بىرىنچى ئامىل ئىقتىساد ئەمەس، بەلكى كۈچلۈك ئەقىدە، گۈزەل ئەخلاق، توغرا سىياسىي ئىدىيە، قېرىنداشلىق روھى ۋە ساغلام تەشكىلى تۈزۈمدۇر.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي.