بالىلار تەربىيەسىنىڭ ئاساسلىرى
بالىلار تەربىيەسى بىرقانچە تۈرلۈك ئاساس ئۈستىگە قۇرۇلىدۇ:
1. قانائەت شەكىللەندۈرۈش: ئەقىدە، پىرىنسىپ، قىممەت قاراش، غايە ۋە ھاياتنى چۈشىنىش ساھەسىدە قانائەت ھاسىل قىلىش.
2. يول كۆرسىتىش: بالىلارنىڭ زېھنىنى مەشغۇل قىلىۋاتقان مەسىلىلەر ھەققىدە ۋە بوش ۋاقىتتىن قانداق پايدىلىنىش توغرىسىدا يول كۆرسىتىش.
3. ماھارىتىنى ئاشۇرۇش: ئەقلىي، ئىلمىي، ئەخلاقىي، ئىجتىمائىي، سىياسىي ۋە باشقۇرۇش… ساھەلەردە ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش.
4. مۇناسىۋەت ئورنىتىش قائىدىلىرىنى چۈشەندۈرۈش: كىم بىلەن دوست بولۇش، كىمدىن يىراق تۇرۇش، ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەرنى قانداق قۇرۇپ چىقىش، ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەرنى ئىسلاھ قىلىش ۋە ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەردە نېمىلەرگە دىققەت قىلىش قاتارلىق ساھەلەردە چۈشەنچە بېرىش.
5. ئۈلگە تاللاش: بالىلارغا ھەر ساھەدە ئۈلگىلىك ۋە نەمۇنىلىك شەخسلەرنى تاللاپ بېرىش ۋە ئۇلار بىلەن قانداق مۇئامىلە قىلىش كېرەكلىكىنى چۈشەندۈرۈش… قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي