كىرىزىسنى كىرىزىس پەيدا قىلىش ئارقىلىق ھەل قىلىش ئۇسۇلى
سىياسەت دۇنياسىدا كىرىزىسنى ھەل قىلىشنىڭ يېڭى چارىلىرى قاتارىدا كىرىزىسنى يەنە بىر كىرىزىس پەيدا قىلىش ئارقىلىق ھەل قىلىش ماھارىتى دەيدىغان بىر ئۇقۇم بار.
كىرىزىسنى كىرىزىس بىلەن ھەل قىلىش ئۇسۇلى مەغلۇبىيەتنى يېپىش ئۈچۈن، مەۋجۇت بولغان مۈشكۈلىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن، ياكى زىياننى ئازايتىش ئۈچۈن، ياكى كىرىزىسىگە مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەرنى ھەرىكەتلەندۈرۈش ئارقىلىق ئىستراتېگىيەلىك مەنپەئەتكە ئېرىشىشنى مەقسەت قىلىدۇ.
شۇنىڭدەك كىرىزىسنىڭ يۆنىلىشىنى باشقا تەرەپكە يۈزلەندۈرۈپ دىققەتنى چېچىۋېتىش ئارقىلىق كرىزىسىنى ھەل قىلىش ماھارىتى دەيدىغان ئۇقۇممۇ بار.
كىرىزىسنى كىرىزىس بىلەن ھەل قىلىش ئۇسۇلىنىڭ كۆپىنچىسى ئىنسانلارنىڭ ئەقلى بىلەن ئوينىشىدىغان سۇيىقەست ئۇسۇلىدۇر ۋە يوشۇرۇن ئويۇن ماھارىتىدۇر.