ھەمكارلىق ئاچقۇچى
ئاساسلىق نىشان – مەقسەتلىرىمىز بىر بولسا،
سىياسىي كۈرىشىمىزنىڭ ئانا پىرىنسىپلىرى بىر بولسا،
ئىلگىرىكى ياكى باشقا قېرىنداشلارنىڭ پەزىلىتىنى ئۇنتۇپ قالمىساق،
ئۇلارنىڭ ئىجابىي تەرەپلىرىدىن پايدىلىنىپ، سەلبىي تەرەپلىرىدىن ساقلانساق،
ئىشنى يېڭىدىن باشلايتتۇق دەپ ۋاقىت ۋە كۈچ زايە قىلماي، ئىشنى ئىلگىرىكىلەر توختىغان ياكى كەلگەن نۇقتىدىن باشلىساق،
بۇرۇن ئىش باشلىغانلارنىڭ پايدىلىق ئەمگەكلىرىنى بۇزۇشقا ئۇرۇنمىساق،
مەجبۇرىيەت نۇقتىسىدىن ھەربىرىمىز قولىمىزدىن كېلىشىچە بىر كىشىلىك ئىجابىي ھەسسە قوشساق،
ھەر تەرەپ سىياسىي ئىدىيەسىنى ياكى يول خەرىتىسىنى ئېلان قىلىپ، قانائەتلەنگەنلەر بىلەن ئالدىغا قاراپ مېڭىۋەرسە، باشقىلار بىلەن ھەپىلەشمىسە،
ئۆزىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن باشقا قېرىنداش تەشكىلاتلارنى يىقىتىپ باش ئەگدۈرۈشتىن ئىبارەت ئەخلاقسىز ئۇسۇلغا ئۇرۇنمىساق،
سىياسىي ئاڭنى ئاشۇرۇش بىلەن بىرگە كىملىك، قىممەت قاراش، قېرىنداشلىق ۋە مۇسۇلمانلىق ئەخلاقىغا ئۇيغۇن ئىش- ھەرىكەت قىلىشقا ئاتلانساق،
دوست-دۈشمەن ئەقىدىسىنى ئاكتىپلاشتۇرۇپ، كىمنىڭ دوست، كىمنىڭ دۈشمەن ئىكەنلىكىنى ئېنىق مۇئەييەنلەشتۈرۈۋالساق،
قېرىنداشلىرىمىز ۋە دوستلىرىمىزغا دوستلارچە، دۈشمىنىمىزگە دۈشمەنچە مۇئامىلە قىلساق،
دوستلار ياكى قېرىنداشلارغا كەڭ قورساقلىق بىلەن، دۈشمىنىمىزگە نەپرەت بىلەن مۇئامىلە قىلساق،
بىر-بىرىمىزنىڭ ئەيىبىنى كوچىلاپ كۈچنى ئىسراپ قىلىش ۋە گۇناھ سادىر قىلىشنىڭ ئورنىغا، ھەر تەرەپ پۈتۈن كۈچىنى دۈشمەنگە قاراتقان بولسا،
ئۇ چاغدا، كۈرەش يولىدا ئىلگىرىلىگەن، ھەمكارلىققا يول ئاچقان ۋە نىشان – مەقسەتلەرگە يېقىنلاشقان بولاتتۇق.
ئەپسۇسكى، مەھكۇملۇققا ۋە ئىرقى قىرغىنچىلىققا دۇچ كەلگەن بىر مىللەتنىڭ ھۆرلۈك ۋە مۇستەقىللىق كۈرىشى ساپاسىزلىق، مەنمەنچىلىك، ئىدىيە توقۇنۇشى، ئىسلام ئەخلاقىدىن چەتنەش نەتىجىسىدە، سىياسىي كۈرەش پىرىنسىپلىرى، ئىسلام ئەخلاقى، ئىسلامىي ۋە مىللىي قېرىنداشلىق روھىي، ئىناقلىق، بىرلىك ۋە ھەمكارلىق تەقەززاسىنىڭ تەتۈرسىچە ماڭماقتا.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي .