ۋەتەن سۆيگۈسى
ۋەتەن سۆيگۈسى ھەربىر ئىنساندا تېپىلىدىغان تەبىئىي خاراكتېر. قۇرئان كەرىم ۋەتەندىن يىراقلىشىشنىڭ جازا ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان.
بۇرۇنقى زاماندىكى مۇستەبىت زالىم ھاكىمىيەتلەر پەيغەمبەرلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنى توغرا يولدىن چىقىرىپ ئۆزلىرىگە ئوخشاش كاپىر قىلىش ئۈچۈن ۋەتەندىن چىقىرىۋېتىمىز دەپ تەھدىت سالىدىغان ئىدى: «لَنُخۡرِجَنَّكُم مِّنۡ أَرۡضِنَآ أَوۡ لَتَعُودُنَّ فِي مِلَّتِنَاۖ»، «سىلەرنى يۇرتىمىزدىن چوقۇم ھەيدەپ چىقىرىمىز، ياكى چوقۇم بىزنىڭ دىنىمىزغا قايتىشىڭلار كېرەك» (ئىبراھىم سۈرىسى، 13 – ئايەت). «أَخۡرِجُوهُم مِّن قَرۡيَتِكُمۡۖ إِنَّهُمۡ»، «ئۇلارنى يۇرتۇڭلاردىن چىقىرىۋېتىڭلار، چۈنكى ئۇلار ئۆزلىرىنى پاك ساقلايدىغان كىشىلەر ئىكەن» (ئەئراف سۈرىسى، 82 – ئايەت).
ئىنساننىڭ ۋەتەن سۆيگۈسى ۋە ۋەتىنىگە تەۋە بولۇشى تەبىئىي ئىش. شۇنىڭدەك مۇسۇلماننىڭ ئىسلام ئۈممىتىگە تەۋە بولۇشى ئىماننىڭ تەقەززاسى.
بۇ ئىككى تۈرلۈك سۆيگۈ ۋە تەۋەلىك ئارىسىدا زىتلىق يوق، چۈنكى ئىنساننىڭ ۋەتىنىنى ياخشى كۆرۈشى، ۋەتىنىنىڭ ھۆرمىتى ۋە گۈللىنىشى ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشى، ۋەتىنىنى قوغدىشى ۋە ھۆرلۈكى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشى ئۈممەت ئۇقۇمى ۋە ئۈممەت تەۋەلىكىگە زىت كەلمەيدۇ. چۈنكى ۋەتەن كۈچلۈك بولسا، ۋەتەن گۈللەنسە مۇسۇلمانلارغا پايدا ئېلىپ كېلىدۇ.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرى