
ئىسلام ھەرىكىتىنىڭ ياكى مىللىي ھەرىكەتنىڭ كۈچى نەدىن كېلىدۇ؟
ئىسلام ھەرىكىتىنىڭ ياكى مىللىي كۈرەش ھەرىكىتىنىڭ ساغلام تەربىيە مېتودى تور دۇنياسىدىكى خىتابلار ياكى ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدىكى ئاممىۋى تەشۋىقاتلار ئارقىلىق ئىشقا ئاشمايدۇ، بەلكى ھەپتىلىك ياكى ئىككى ھەپتىلىك ياكى ئايلىق ئىزچىل نەق مەيداندا يۈزمۇ- يۈز ئەقىدە، ئەخلاق، پىكىر، كىملىك، پىرىنسىپ، قەلب پاكلىقى، قېرىنداشلىق، ئۆزئارا ئىشەنچ تۇرغۇزۇش، ئۆزئارا ھەمكارلىشىش، كوللېكتىپ ھەرىكەت قىلىش ئېڭىنى يېتىلدۈرۈش، ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە تەشكىلى تۈزۈم پىرىنسىپلىرىغا چوڭ- كىچىك ئەمەل قىلىش ئاساسىدا سىستېمىلىق تەربىيە ئېلىپ بېرىش بىلەن ئىشقا ئاشىدۇ.
بۇ سەۋەبتىن، ئىسلام ھەرىكىتى بولسۇن، ياكى سىياسىي كۈرەش ھەرىكىتى بولسۇن، ياكى جىھادىي ھەرىكەت بولسۇن ئەزالىرىنى نەق مەيدان ئارقىلىق جانلىق ئەقىدە، ساغلام ئىدىيە، ئىسلامىي ئەخلاق، يۈكسەك ئىلىم-مەرىپەت، دۆلەتچىلىك ئېڭى، بىر پۈتۈن كىملىك، قىممەت قاراش، قېرىنداشلىق ۋە ھەمكارلىشىش روھىي ئاساسىدا يېتىشتۈرۈپ چىقىشقا ئالاھىدە كۈچ چىقىرىشى ھەرىكەتنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
بەزىبىر ئىجتىمائىي پائالىيەتلەر ياكى تور دۇنياسىدا مۇنتىزىم بولمىغان تەشۋىقاتلار ئارقىلىق ئەقىدىسى تىرىك، پىكرى ئۆتكۈر، ئەخلاقىي جايىدا، قائىدە-تۈزۈم ۋە سىستېما بۇيىچە ئىش قىلىدىغان ھەمدە قېرىنداشلىق ۋە ھەمكارلىق روھىنى قوغدايدىغان ساغلام ھەرىكەت قۇرۇپ چىقىش تەس. چۈنكى بىۋاسىتە ئۇچۇرۇشۇپ قىلىنمىغان تەربىيە ئاجىز ۋە روھسىز بولۇپ قالىدۇ.
تور دۇنياسى ئومۇمىي جەھەتتىن ئاقارتىش ئېلىپ بارىدىغان، ئاممىۋى دەۋەت قىلىدىغان، كوللېكتىپ ھەرىكەت قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى ئەسكەرتىدىغان، ئىدىيەنى ئىسلاھ قىلىدىغان، پىرىنسىپال نۇقتىلارنى ئاساس قىلىپ تارماق ئىشلارنى كۆرمەسكە سېلىپ بىرلىك ۋە ھەمكارلىققا چاقىرىدىغان، كىملىك ۋە قىممەت قاراش روھىغا رىئايە قىلىشنى تەشەببۇس قىلىدىغان، سىياسىي ئەخلاققا تەشەببۇس قىلىدىغان، ئەقىدە ۋە ۋەتەن- مىللەتكە خىزمەت قىلىش مەجبۇرىيىتىنى ئەسلىتىدىغان،ئەقىدە ۋە ئىدىيە توغرىسىدىكى شۈبھىلەرگە رەددىيە بېرىدىغان، ناچار ئىللەتلەرنى تۈزىتىدىغان ۋە ۋەتەن- مىللەتنىڭ دەردىنى ئاڭلىتىدىغان… ۋاسىتىدىن ئىبارەت.
بۇ سەۋەبتىن، توردا قۇرۇلغان ھەرىكەتلەر، ياكى نەق مەيدان تەربىيەسىنى ئاساسىي ئورۇنغا قويماي ئىجتىمائىي پائالىيەتنى ئاساسلىق ئورۇنغا چىقىرىۋالغان ھەرىكەتلەر بىرەر بوران چىقسا، ياكى مەنپەئەت توقۇنۇشى يۈز بەرسە، ياكى چوڭراق مەسئۇللىرى ئارىسىدا بىرلىشەلمەسلىك يۈز بەرسە، ياكى بىرەر رەھبىرىدىن چاتاق چىقسا، ئىدىيەنى ياكى مېتودنى ئاساس قىلمىغانلىقى ئۈچۈن تۈرلۈك سەۋەبلەردىن بۆلۈنۈش ۋە پارچىلىنىش ئەھۋاللىرى كېلىپ چىقىدۇ. چۈنكى پىرىنسىپ، مېتود، قېرىنداشلىق ۋە ئۆز ئارا بىر-بىرىگە ئىشەنچ قىلىش ئاساسىدا تەربىيە كۆرمىگەنلەر كىرىزىس يۈز بەرگەندە بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ، ياكى بەدەل تۆلەش ئېغىر كېلىپ يوقاپ كېتىدۇ.
پىرىنسىپ، مېتود ۋە قائىدە – تۈزۈم ئاساس قىلىنغان ھەرىكەت ھەرقانداق كىرىزىس ئالدىدا ئاز بولسىمۇ باش ئەگمەي يولىنى داۋام قىلىپ كېتىۋېرىدۇ، ئەمما پىرىنسىپ ئاساس بولمىغان ياكى قائىدە-تۈزۈم ئېنىق بولمىغان ھەرىكەتتە كىرىزسقا بەرداشلىق بېرەلمەي بىر- بىرلەپ سۇغۇرۇلۇپ چۈشۈپ قېلىش ياكى بۆلۈنۈپ كېتىش ئەھۋاللىرى يۈز بېرىدۇ.
شۇڭا، پىرىنسىپ، مېتود، قائىدە-تۈزۈم، كېڭەش، قېرىنداشلىق، بىر-بىرىگە ئىشەنچ قىلىش، بىر- بىرىنى قوللاش، كوللېكتىپ ئىش -ھەرىكەت قىلىش ئېڭىنى يېتىلدۈرۈش، جانلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش ھەيئىتىنى ئاساس قىلماي، شەخسلەرنى ئاساس قىلىپ قۇرۇلغان، ياكى پىرىنسىپنى تۆۋەن ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قۇرغۇچىنى مۇقەددەسلەشتۈرىدىغان ھەرىكەتلەر ئۇزۇنغا قالماي پارچىلىنىپ كېتىدۇ.
بەزى ھەرىكەتلەر سىرتقى كۆرۈنۈش جەھەتتىن كۈچلۈك ياكى چوڭ كۆرۈنسىمۇ ئەقىدە، ئەخلاق، ئىدىيە ۋە تەشكىلى تۈزۈم توغرىسىدىكى تەربىيە سىستېمىسى ئاجىز بولسا، ئۇزۇنغا قالماي بۆلۈنۈپ كېتىدۇ.
دېمەك، ھەرىكەتنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى قوغدايدىغان، ھەرىكەتنى كۈچلۈك تۇتۇپ تۇرىدىغان، ئەزالىرى بوران ئالدىدا بەل قويۇۋەتمەيدىغان، يېتەكچىسى موللاق ئاتسىمۇ ئەزالىرى ئەقىدە ۋە ۋەتەن-مىللەت ئالدىدىكى مەسئۇلىيەتنى تاشلىۋەتمەي داۋاملاشتۇرىدىغان روھ پەقەت مۇنتىزىم ھەم ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىمان، ئەخلاق ۋە ساغلام ئىدىيە تەربىيەسى ئارقىلىق ئىشقا ئاشىدۇ.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي.