man sitting at the table with laptop - social network concept - vector
چوڭ ئىشلارغا ئارىلىشىۋالىدىغان تايىنى يوقلار
(دوكتور ئابدۇلكەرىم بەككار)
بىز بۈگۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزگە خەۋەر بەرگەن شۇنداق بىر دەۋرنى باشتىن كەچۈرۈۋاتىمىزكى، بۇ دەۋردە «تايىنى يوقلار» سەھنىگە چىقىۋالماقتا.
تايىنى يوقلار دېگىنىمىز —نە بىلىمدىن، نە ھېكمەتتىن نېسىۋىسى بولمىغان، ئەمما ئەڭ نازۇك ۋە ئەڭ مۇرەككەپ ساھەگە، يەنى «دىن ۋە دىنىي تەنقىد» ساھەسىگە بويۇن سوزۇپ كىرىۋالغان كىشىلەردۇر.
بۇ خىل «نادان زىيالىي» ياكى « نادان بىلەرمەن» تىپىدىكىلەرنىڭ ئىسلامنىڭ مۇقىم ئۆزگەرمەس ئاساسلىرىدا جېدەل-ماجىرا ياكى پىتنە- پاسات پەيدا قىلىش ئارقىلىق تىرىكچىلىك قىلىشى كۈچلۈكلۈكنىڭ ياكى (ئىلمىي قابىلىيىتىنىڭ) نىشانىسى ئەمەس، بەلكى «ئەخلاقىي ئەبگالىقنىڭ» ئالامىتىدۇر ۋە جەمئىيەتتىكى ئۆلچەملەرنىڭ قالايمىقانلاشقانلىقىنىڭ بەلگىسىدۇر.
بۇنداق شەخسلەرگە نىسبەتەن قانداق ئەقىل-پاراسەت ۋە ئاڭ بىلەن مۇئامىلە قىلىش كېرەكلىكى ھەققىدە بىر قانچە نۇقتىنى سۇنىمىز:
1. ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە ئېتىبار بەرمەسلىك
ئاڭلىق بولۇشنىڭ بىرىنچى قەدىمى شۇنى تونۇپ يېتىشتىن ئىبارەتكى، بۇنداق كىشىلەر «شاۋقۇن-سۈرەن» بىلەن تىرىكچىلىك قىلىدۇ. تايىنى يوقلارغا جاۋاب قايتۇرۇش ياكى تالاش تارتىش قىلىش ئۇلارنى -چۈشىدە كۆرۈپ باقمىغان- ئېتىبارغا ئىگە قىلىپ قويىدۇ. ئۇلارنىڭ يازما ۋە ۋىدىيولىرىنى (مەسخىرە قىلىش يۈزىسىدىن بولسىمۇ) تارقىتىش ئۇلارنىڭ باتىل قاراشلىرىنىڭ يېيىلىشىغا ھەمكارلاشقانلىق بولىدۇ.
تەربىيە قائىدىسىدە «باتىلنى تىلغا ئالمىسا ئۆزلۈكىدىن ئۆلۈپ قالىدۇ» دەيدىغان بىر قائىدە بار. مۇسۇلماننىڭ بۇ يەردىكى ۋەزىپىسى — بۇ شاۋقۇننى پەقەت شۇ سۆزلىگۈچىنىڭ تار دائىرىسىدىلا يېتىم قالدۇرۇش ئۈچۈن ئاڭلىق تۈردە ئېتىبار بەرمەسلىكتۇر.
2. ئىلمىي تەنقىد بىلەن «ئىدېئولوگىيەلىك جۆيلۈش»نى پەرقلەندۈرۈش
ئۆزىمىزدە تەنقىد قىلىش قابىلىيىتىنى يېتىلدۈرۈشىمىز كېرەك. چۈنكى تەنقىد — بىر ئىلىم، ئۇنىڭ ئۆز ئاساسلىرى بار. ئەمما بىز تور دۇنياسىدا كۆرۈۋاتقانلىرىمىز ئەڭ ئەقەللىي تەتقىقات قوراللىرىغا ئىگە بولمىغان «سانلىق مەلۇماتنى (ياكى دۈشمەنلەرنىڭ شۈبھىلىرىنى) كۆز-كۆز قىلىش»تىن ئىبارەت.
كىم تىل، تەپسىر ۋە تارىخ قوراللىرىغا ئىگە بولماي تۇرۇپ دىننى تەنقىد قىلسا، ئۇ ئادەم خۇددى «ئاشخانا پىچىقى» بىلەن مۇرەككەپ ئوپېراتسىيە قىلماقچى بولغان ئادەمگە ئوخشايدۇ…
ناداننىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى ۋە جۈرئىتى سىزنىڭ ئىشەنچىڭىزنى تەۋرىتىپ قويمىسۇن. ئۇنىڭ مۇرەككەپ نادانلىقى ئۇنى «مەن ئىلگىرىكىلەر قىلالمىغان ئىشنى قىلدىم» دەپ ئويلاندۇرۇپ قويغان گەپ.
3. رېمونت قىلىش بىلەن ئەمەس، «قۇرۇپ چىقىش» بىلەن شۇغۇللىنىش
تايىنى يوقلارنىڭ جۆيلۈشلىرىنى ئىز قوغلاپ جاۋاب بېرىش ئۈچۈن سائەتلەپ ۋاقىت سەرپ قىلغۇچە، ۋاقتىڭىزنى ئۆزىڭىزنى ۋە ئائىلە ئەزالىرىڭىزنى يۇقىرى ئىلىم مەرىپەت بىلەن قوراللىنىشقا سەرپ قىلىڭ. چۈنكى يىلتىزى كۈچلۈك بولغان دەرەخنى ئۆتكۈنچى شاماللار تەۋرىتەلمەيدۇ. سىزنىڭ ۋەزىپىڭىز ئاڭلىق ئوقۇش، رەببانىي ئالىملار بىلەن بىللە بولۇش ۋە شەرىئەتنىڭ مەقسەتلىرىنى چۈشىنىش ئارقىلىق «ئىممۇنىتېت» كۈچىڭىزنى ئاشۇرۇشتۇر. ئەگەر قەلب ھەقىقەت بىلەن تولسا، باتىل ئۇ يەردىن ئورۇن تاپالمايدۇ.
4. تىللاشتىن ھەزەر ئەيلەش
تايىنى يوقلارنىڭ قولغا كەلتۈرىدىغان غەلىبىلىرىدىن بىرى — سىزنى تىل-ھاقارەت مەيدانىغا سۆرەپ كىرىشىدۇر.
كۈچلۈك مۆمىن دىنغا ئازار بەرگەنلەرگىمۇ سەت سۆز ئىشلىتىشتىن ئۆزىنى يۇقىرى تۇتىدۇ. چۈنكى بىزنىڭ مەقسىتىمىز ئاچچىغىمىزنى چىقىرىۋېلىش ياكى ھاقارەتلەش ئەمەس، بەلكى «ھىدايەتكە باشلاش ۋە توغرىنى بايان قىلىش»تۇر. شۇڭا، سۆھبەتلىرىڭىزدە ئەدەپ ئەخلاقنىڭ چىرىغى بولۇڭ، شۇنداق قىلسىڭىز كىشىلەر «ئىماننىڭ ئالىيجانابلىقى» بىلەن «نادانلىقنىڭ ئەبگارلىقى » ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى كۆرىۋالىدۇ.
خۇلاسە:
بىرلىرىنىڭ ئېكرانلارغا كۆپ چىقىشى ياكى ئەگەشكۈچىلەرنىڭ كۆپ بولۇشى ئۇ كىشىگە ئاممىغا مۇناسىۋەتلىك چوڭ ئىشلاردا گەپ قىلىش «سالاھىيىتى»نى بەرمەيدۇ. چۈنكى بۇ نۇقتىدا كىشىلەرنىڭ لاياقەتلىك ياكى لاياقەتسىزلىكىنى ئۆلچەيدىغان ئۆلچەملەر بارم بۇ ئۆلچەملەرنى ياخشى بىلىۋېلىڭ.
تور دۇنياسىدىكى كىشىلەرنىڭ زەھەرلىك پىتنە-پاساتلىرى ياكى سۈنئىي جۈرئىتى سىزنى ئالداپ كەتمىسۇن. ھەقىقەت ئايدىڭدۇر، باتىل بولسا ئېنىقسىز ۋە قالايمىقاندۇر.
ھەقىقەت مۇستەھكەم تۇتقۇچنى چىڭ تۇتۇشتا چىداملىق بولغان كىشىلەرنىڭ ئەقلىدە پىشىدۇ. كۆپۈكلەر بولسا ئېقىپ يوقىلىدۇ، ئەمما كىشىلەرگە مەنپەئەت بېرىدىغان نەرسىلەر يوقىلىپ كەتمەيدۇ.
ئىلاۋە:
تور دۇنياسى ئۆگىنىش ئۆلچەملىرىدە قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلدى؛ نەتىجىدە كىشىلەر «شۆھرەت» بىلەن «سالاھىيەت»نى پەرق ئېتەلمەي ئارىلاشتۇرۇپ قويىدىغان بولۇپ قالدى.
تايىنى يوق ناداننىڭ ئاممىۋى ئىشلاردا سەھنىگە چىقىۋېلىشى — ئىلمىي ئامانەتكە قىلىنغان بىر خىل «خىيانەت»تۇر. ئەمما بۇنىڭدىنمۇ خەتەرلىك بولغىنى، ئاۋام خەلقنىڭ تايىنى يوق نادان بىلەن تالاش تارتىش قىلىش ئارقىلىق ئىنكاس قايتۇرۇپ ئۇنىڭغا ماسلىشىپ بېرىشى ۋە بازىرىنى چىقىرىپ بېرىشىدۇر.
بۇلار ساغلام ئىدىيەدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ كۈچىنى خورىتىش ۋە ئۇلارنى ئىش قىلغۇزماي ئاۋارە قىلىش ئۈچۈن ھەر كۈنى پىتنە- پاسات تېرىپ تۇرىدۇ…
ئەقىل-پاراسەت ئىلىمنىڭ ھەيۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇڭا، دىنى كۆرسەتمىلەرنى پەقەت بىلىم ساھەسىدە مۇتەخەسسىسلىك بىلەن تەقۋادارلىقنى ئۆزىدە جەم قىلغان لاياقەتلىك كىشىلەردىن باشقىسىدىن ئالماسلىق كېرەك.