
ئۆزىنى تەكشۈرۈپ تۇرۇش مۇسۇلمانلىقنىڭ يولى
ئۆزىنى ئاقلاپ، باشقىلارنى تەنقىدلەش ياكى قارىلاش شەيتاننىڭ ئۇسۇلىدۇر ۋە ھەل قىلغىلى بولمايدىغان يولغا قەدەم قويغانلىقتۇر. چۈنكى شەيتان ئۆزىنى تەكشۈرۈشنى رەت قىلىدۇ ھەم ئۆزىنى دائىم خاتالاشمايدىغان ھەق يولدا دەپ ئويلايدۇ.
ئەمما خاتالىقىنى تونۇش، خاتالىقىدىن يېنىش، تەۋبە قىلىش ۋە ئۆزىنى تەكشۈرۈپ تۇرۇش مۇسۇلماننىڭ يولىدۇر، پەزىلەتتۇر ھەم پەيغەمبەرلەرنىڭ يولىدۇر.
ئادەم ئەلەيھىسسالام ئۆزىنى تەكشۈرۈپ خاتالىقىنى ئېتىراپ قىلغان ۋە تەۋبە قىلغان.
دېمەك، بىز ئىدىيە، ئىش-ھەرىكەت ۋە گەپ سۆزلىرىمىزدە ئۆز ئۆزىنى تەكشۈرۈش ئۇسۇلىغا تايانمىساق؛ دائىم ئۆزىمىزنى ئاقلاپ، باشقىلارنى تەنقىدلەيدىغان ۋە قارىلايدىغان خاتا يولغا يەنى شەيتاننىڭ يولىغا كىرىپ قېلىشىمىز يىراق ئەمەس.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي