
بالىڭىزدىن ئەنسىرەيدىغان بولسىڭىز
بالىڭىزنى تەربىيەلەش سىزنى چارچىتىۋەتكەن بولسا، ياكى ئۇلاردىن ئەنسىرەيدىغان بولسىڭىز، ياكى ئۇلارنىڭ كەلگۈسىنى ھىمايە قىلماقچى بولسىڭىز تۆۋەندىكى بىر قانچە تۈرلۈك ئىشلارغا سەل قارىماسلىق مۇھىم.
1. بالىڭىزنى تەربىيەلەش سىزنى چارچىتىۋەتكەن بولسا، ياكى بالىڭىزغا نەسىھەت ئاڭلىتىپ بولالمىغان بولسىڭىز، ھەرتۈرلۈك سەۋەب- چارە قىلىش بىلەن بىرگە دۇئا قىلىشنى ئۇنۇتماڭ. چۈنكى دۇئا كۈچلۈك مەنىۋى قورال.
2. بالىڭىز ھەققىدە دۇئا قىلغاندا: «پەرۋەردىگارىم، مەن بالامنى تەربىيەلەشتىن ئاجىز كەلدىم، ئۇنى ساڭا تاپشۇردۇم. ئۇنىڭ ئەقىدىسىنى توغرا قىلغىن، ئۇنىڭ پىكرىنى ساغلام قىلغىن، ئۇنىڭ ئەخلاقىنى گۈزەل قىلغىن، ئۇنى ناماز ئوقۇيدىغان قىلغىن، ئۇنى جەننەت ئەھلىدىن قىلغىن، ئۇنى يامان دوستلارنىڭ ۋە شەيتانلارنىڭ ئازدۇرۇشىدىن ساقلىغىن، ئۇنى ھەسەتخورلارنىڭ ۋە بۇزغۇنچىلارنىڭ زىيان سېلىشىدىن ساقلىغىن» دەپ ھەر كۈنى دۇئا قىلىڭ.
بۇ دۇئانى بەزىدە بالىڭىزغا ئاڭلىتىپ قىلىڭ. ئاڭلىغاندا قەلبى تەسىرلىنىدۇ.
3. بالىڭىزغا ھەر كۈنى قۇرئان كەرىم ئوقۇتۇشقا تېرىشىڭ ۋە بالىڭىز ھەققىدە ھەر كۈنى قۇرئان كەرىم ئوقۇپ تۇرۇڭ. چۈنكى قۇرئاننىڭ تەسىرى ۋە ساۋابى ئۇنىڭ قەلبىنى يۇمشىتىدۇ ۋە پاكلايدۇ.
4. بالىڭىز ئەخلاقى جەھەتتىن خاتالاشقان بولسا، نەسىھەت قىلىش بىلەن بىرگە سەدىقە قىلىپ تۇرۇڭ. چۈنكى سەدىقە ۋە خەيرى ئېھسان بالىلارنىڭ قەلبىنى پاكلايدۇ.
5. بالىڭىزنىڭ ياخشى ۋە ياراملىق ئادەم بولۇش نىيىتى بىلەن ئاللاھقا سېغىنىپ دۇئا ۋە ئىبادەت قىلىڭ.
6. بالىڭىزغا ھارامدىن تاپقان پۇل بىلەن بىر نەرسە يېگۈزۈپ سېلىشتىن، ياكى ھارام نەرسە يەپ سېلىشتىن ساقلىنىڭ.
7. بالىڭىزنىڭ بىكار يۈرۈپ قېلىشىدىن ئېھتىيات قىلىڭ، چۈنكى بىكار يۈرۈش بالىنى بۇزۇپ قويىدۇ. شۇڭا، بالىڭىزنى ياخشى ئوقۇش، ياكى ھۈنەر ئۆگىنىش، ياكى بىرەر يەردە ئىشلەش بىلەن مەشغۇل قىلىشقا تېرىشىڭ.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي.