
دوستنىڭ كىملىكىنى، دۈشمەننىڭ كىملىكىنى بىلىش ئەقىدىنىڭ تەلىپى ۋە تەقەززاسى، چۈنكى، ئىشغالچى دۈشمەننىڭ كىملىكىمنى ئۇنتۇپ قېلىش جىنايەت،
ئۇنىڭ جىنايى قىلمىشلىرىنى ئۇنتۇپ قېلىش خورلۇق،
ئۇنىڭغا قارشىلىق بىلدۈرمەي سۈكۈت قىلىش گۇناھ،
ئۇنىڭغا خىزمەت قىلىش ياكى بىرلىكسەپ قۇرۇش ئەقىدە ۋە ۋەتەن-مىللەتكە قىلىنغان خىيانەت ۋە ئەڭ ئېغىر جىنايەت، ئۇنىڭغا سېتىلىپ ياكى خەۋەر يەتكۈزۈپ قېرىنداشلىرىغا زىيانكەشلىك قىلىش ئەڭ چوڭ مۇناپىقلىق.
دېمەك، مىللەتنىڭ ئىشغالچى زالىم دۈشمەننى ۋە ئۇنىڭ قىلمىشلىرىنى ئۇنتۇپ قېلىشى دۆتلۈك ۋە خورلۇق بولسا، لېكىن ئۇنىڭ ئىدىيەسىنى ۋە مەدەنىيىتىنى قوبۇل قىلىش، ئۇنى يامان كۆرمەسلىك، ئۇنىڭغا ھەرخىل سەۋەبتىن سېتىلىش ئەڭ ئېغىر گۇناھ، ئەڭ ئېغىر جىنايەت ھەمدە ئەقىدىمىز، كىملىكىمىز، مەدەنىيىتىمىز، ۋەتىنىمىز ۋە مىللىتىمىزنىڭ بېشىغا كەلگەن زۇلۇمنىڭ ۋە قىرغىنچىلىقنىڭ ئاساسلىق سەۋەبىدۇر.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي