
سىياسەت ۋە كۈرەش مەيدانىدىكى ئادەملەرنىڭ ئەخلاقى قانداق بولۇشى كېرەك؟
ئىسلامدا گۈزەل ئەخلاق ئىماندىن، ئىستىل ئەقىدىدىن، سىياسەت ئەخلاقتىن ئايرىلمايدۇ. شۇڭا، سىياسەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار ئىمانىنى ۋە ئىستىلىنى گۈزەل ئەخلاق بىلەن تولۇقلىشىشى لازىم. چۈنكى پەيغەمبەر 8ئەلەيھىسسالام: «مۆمىنلەر ئىچىدە ئىمانى ئەڭ مۇكەممەل كىشى ئەخلاقى ئەڭ گۈزەل بولغىنىدۇر» دېگەن .
بۇنىڭغا ئاساسەن بىر ئىنساننىڭ كۈرىشى ھەق بولۇپ، ئۆزى ئەخلاقسىز بولسا ياكى ئىستىلى بۇزۇق بولسا، كىشىلەر ئۇنىڭ سۆزىنى تىڭشىمايدۇ ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشمەيدۇ. چۈنكى كىشىلەر ئەخلاقى ناچار، ئىستىلى بۇزۇق، سۆزى قوپال، بىلەرمەن، تەكەببۇر، ئاچچىقى يامان كىشىنى ياقتۇرمايدۇ، سۆزلىرى گەرچە توغرا بولسىمۇ قوبۇل قىلمايدۇ.
بىر ئادەمنىڭ بىلىم-مەرىپىتى ئاز بولسىمۇ، ئەخلاقى گۈزەل بولسا باشقىلارنى دەۋاسىغا جەلپ قىلالايدۇ. شۇڭلاشقا ئىسلام دەۋاسى قىلىۋاتقانلار، ۋەتەن-مىللەت دەۋاسى قىلىۋاتقان كىشىلەرنىڭ ئەخلاقىنىڭ ناچار ۋە ئىستىلىنىڭ بۇزۇق بولۇپ قېلىشى ئۇلارغا قەتئىي ياراشمايدۇ.
دەۋا ياكى كۈرەش يولىدىكىلەر ھەر قانداق گەپ-سۆز ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرىنى ئىسلامنىڭ ئەخلاق تارازىسىغا سېلىپ مېڭىشى لازىم. شۇنىڭدەك باسقان ھەر بىر قەدەملىرى، گەپ-سۆزلىرى ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرىنىڭ ئەخلاق ئۆلچىمى بىلەن پايدا-مەنپەئەت ئارىسىدا ئىكەنلىكىنى بىلىشى كېرەك.
شۇڭا كۈرەش يولىدىكىلەر تۆۋەندىكى
سۈپەتلەرگە دىققەت قىلىشى ئىنتايىن زۆرۈر:
1) راستچىل بولۇش، يالغان گەپ قىلماسلىق،
2) ئىشەنچلىك بولۇش، خىيانەت قىلماسلىق،
3) ئادىل بولۇش، زۇلۇم قىلماسلىق،
4) كەمتەر بولۇش، مەنمەنچىلىك قىلماسلىق،
5) سەۋرچان بولۇش، ئالدىراڭغۇلۇق قىلماسلىق،
6) نەپسىنى پاك تۇتۇش، گېلىنى تۇتقۇزۇپ قويماسلىق،
7) ئىپپەتلىك بولۇش، زىناغا ئوخشاش ھارام ئىشلاردىن ساقلىنىش،
8. تىلى پاك بولۇش، ئەخلاقسىز سۆزلەردىن يىراق تۇرۇش،
9) مېھرىبان بولۇش، قوپال بولماسلىق،
10) ئەقىلگە تايىنىش، ھېسسىياتقا بېرىلمەسلىك،
11) جۈرئەتلىك بولۇش، قورقۇنچاق بولماسلىق،
12) ئۈلگە بولۇش، پاسسىپ بولماسلىق،
13) ئامانەتكە ۋاپا قىلىش، باشقىلارنىڭ سىرىنى يېيىۋەتمەسلىك،
14) كەڭ قورساق بولۇش، ئىچى يامانلىق قىلماسلىق،
15) ئاڭلىغان گەپ-سۆزلەرنىڭ ئاساسىنى تەكشۈرۈش، مىش-مىش گەپلەرگە ئىشىنىۋەرمەسلىك،
16) ئىشەنچنى ئاشۇرىدىغان ئىشلارغا ئەھمىيەت بېرىش، ئىشەنچنى ئاجىزلاشتۇرىدىغان ئىشلاردىن ساقلىنىش،
17. پىرىنسىپ، قائىدە -تۈزۈم ۋە كېڭەش بۇيىچە ئىش قىلىش روھىنى يېتىلدۈرۈش، مېنىڭ دېگىنىملا توغرا دەيدىغان شەخسىيەتچىلىكتىن ۋە پىكرى مۇستەبىتلىكتىن ساقلىنىش…
18. قېرىنداشلىق ۋە ھەمكارلىق روھىنى يېتىلدۈرۈش ، بىر بىرىگە دۈشمەندەك مۇئامىلە قىلىشتىن يىراق تۇرۇش،
19. بىر پۈتۈن كىملىك ۋە مىللەتنىڭ قىممەت قاراشلىرىغا رىئايە قىلىش، ئىدىيە توقۇنۇشى ۋە ئاداۋەت پەيدا قىلىشتىن ساقلىنىش…
قاتارلىقلار.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي