
مۇۋەپپەقىيەتلىك ئائىلە تۇرمۇشىنىڭ رېتسېپلىرى
1. ئەر-ئايالنىڭ ھەربىرى ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش،
2. ھەربىرى ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەتلىرىنى تولۇق بىلىش ۋە ئەمەل قىلىش،
3. ھەربىرى ئۆزئارا سۆيگۈنى ۋە ھۆرمەتلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇش،
4. ئايال كىشى ئەرنى ھۆرمەتلەش مەسىلىسىگە سەل قارىماسلىق،
5. ئەر كىشى ئايالنى قەدىرلەش مەسىلىسىگە سەل قارىماسلىق،
6. ئايال كىشىنىڭ ئۆينى راھەت مەركىزىگە ئايلاندۇرۇشقا ئۇرۇنۇشى،
7. ئەر-ئايال ئارىسىدا تالاش-تارتىش يۈز بېرىپ قالسا، ئۇنى ئېغىر بېسىقلىق بىلەن تەرسالىق قىلماستىن ۋە ئاچچىقلانماستىن توغرا ئىدارە قىلىش ئۇسۇلىنى ئۆگىنىش،
8. ئەر كىشىنىڭ ئايالىنى ئۇرۇشتىن ياكى ھاقارەت قىلىپ تىللاپ سېلىشتىن كەسكىن ساقلىنىشى،
9. تالاش- تارتىش كۈچىيىپ قالسا، ھەر تەرەپنىڭ ئاچچىقى بېسىققانغا قەدەر ئەر كىشى قۇرئاندىكى ياتاقنى تاشلاش قائىدىسىدىن ئىبرەت ئېلىپ ياتاقنى تاشلاشتىن سىرت ئۆينى تاشلاپ سىرتقا چىقىپ كېتىش،
چۈنكى چەتئەل ھاياتىدا يامانلاپ بىر يەرگە چىقىپ كېتىش توغرا كېلىپ قالسا، ئايال كىشىنىڭ يامانلىماي، ئەر كىشىنىڭ بىرقانچە كۈن يامانلىشىنى تەقەززا قىلىدۇ.
10. بىر- بىرىگە قىسمەن ھوقۇقىدىن تاكى تەلىپىدىن ۋاز كېچىشنى ئۆگىنىشى،
11. ئائىلە ئىدارە قىلىشتا قەرزدىن ساقلىنىش،
12. ئاللاھ بىلەن مۇناسىۋەتنى ياخشىلاشقا ۋە بىر-بىرىگە دۇئا قىلىشقا كۆڭۈل بۆلۈش،
13. بىر-بىرىنىڭ كېچىك ئەيىبلىرىنى بىلمەسكە ياكى كۆرمەسكە سېلىش ماھارىتىنى يېتىلدۈرۈش… مۇۋەپپەقىيەتلىك ئائىلە قۇرۇشنىڭ ئاچقۇچلىرىدىن ئىبارەت.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي.