تەربىيە مۇلاھىزىلىرى
(د.ئابدۇكەرىم بەككار)
بالىلار تەربىيەسى زەنجىرسىمان بۇيرۇقلار، قوپال نەسىھەتلەر بىلەن بولمايدۇ، بەلكى ئۇ ماسلىشىش، ئۆزئارا سۆيگۈ، چۈشىنىش ۋە ئۈلگە بولۇش ئارقىلىق بولىدۇ.
1.كۆپ گەپ قىلغاننىڭ ئورنىغا قىممەت قاراش سىڭدۈرۈمىز :
بەزى قىممەتلىك قاراشلار لېكسىيە سۆزلەشكە موھتاج بولمايدۇ، بەزىدە ئاددىي پوزىتسىيە ئارقىلىق بولىدۇ. مەسىلەن، بالىلىرىمىزنىڭ باشقا بىرىگە ياردەم قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەندە، «مانا بۇنى ئۆزئارا ياردەملىشىش دەيمىز، ئۇ ئېسىل ئەخلاقتۇر» دەيمىز. بۇ ئارقىلىق قىممەت قاراش گەپكە ئەمەس، ئىش- ھەرىكەتكە باغلانغان بولىدۇ.
2. بۇيرۇغاننىڭ ئورنىغا سورايمىز:
كۆپىنچە ۋاقىتلاردا بالام «ياتىقىڭنى رەتلە» دېسەك، بالىنىڭ ئىچى سىقىلىدۇ ياكى قاشاڭلىق قىلىپ رەتلىمەيدۇ.
لېكىن ئۇنىڭغا: «ياتىقىڭنى رەتلىك ھالدا كۆرۈشنى خالامسەن؟ بىرگە رەتلىۋېتەيلىمۇ؟» دېگىنىمىزدە، تەرسالىق قىلغاننىڭ ئورنىغا ئويلىنىشقا باشلايدۇ.
3. پايدىلىق نەرسىلەرنى بىرگە يادلايمىز :
ھەر كۈنى بىر ئايەت، ياكى بىر ھەدىس، ياكى بىرەر ھېكمەت تاللاپ، بىرلىكتە يادلىساق، بۇ ئىشنى ئۇنىڭغا تاڭغان بولمايمىز، ھەمكارلىق ئىچىدە بىر تەرەپ قىلغان بولىمىز.
4. كۆزىتىمىز، ھۆكۈم چىقارمايمىز:
بالا خاتالىشىپ قالسا، ئالدىراپ ئەيىبلىمەيمىز ياكى تەنقىد قىلمايمىز.
ئۇنىڭدىن: «نېمە بولدى؟ قانداق ھېس قىلىۋاتىسەن؟ نېمە قىلىش لازىم ئىدى؟ دەپ سورىساق، ئۆزىگە دىققەت قىلىشنى ئۆگەتكەن بولىمىز.
5. پاراڭلىشىش ئۈچۈن ۋاقىت ئاجرىتىمىز:
ئاخشاملىرى ياكى يولدا بىرگە كېتىۋاتقىچە «بۈگۈنكى ئەڭ گۈزەل ئىش قايسى؟ سېنى قايسى نەرسە ھەممىدىن بەكرەك پەرىشان قىلىدۇ؟» دەپ سورايمىز.
ئۇنىڭ سۆزىگە تولۇق قۇلاق سالىمىز، گېپىنى بۆلۈۋەتمەيمىز، ئاڭلاپ بېرىمىز.
6. قورقۇتۇش بىلەن ئەمەس، سۆيگۈ بىلەن ئۆگىتىمىز:
بالا خاتالاشقاندا، ئۇنىڭغا: «سەن دېگەن مېنىڭ نەزىرىمدە قىممەتلىك، خاتالىقىڭ قىممىتىڭنى تۆۋەنلىتىۋەتمەيدۇ، بىز سەندىن ئۆگىنىمىز» دېگەندەك سۆزلەرنى قىلىش ئارقىلىق يامان كۆرمەيدىغانلىقىمىزنى، بەلكى ياخشى كۆرىدىغانلىقىمىزنى ئەسلىتىمىز.
7. مەسئۇلىيەتتە ئورتاقلىشىمىز:
بىر ئىشقا بىۋاسىتە بۇيرۇق بەرمەيمىز: «مەسىلەن، كەل، قاچا قۇچىلارنى بىرگە يۇيۇۋېتەيلى. كەل كىيىم ئىشكاپىنى رەتلىۋىتەيلى، بۇ ئىشنى بىرلىكتە قىلساق قانداق قارايسەن؟» دېيىش ئارقىلىق بىرگە باشلاش ئارقىلىق ئۆگىتىمىز.
ئورتاقلاشقان ۋاقتىمىزدا، سۆيگۈ مۇھەببەت ۋە ئادەتلىنىش پەيدا بولىدۇ.
8. ئىستىلىنى كۈچەيتىمىز:
«مەسىلىنى ھەل قىلىشتىكى ئۇسۇلۇڭ ماڭا ياقتى» دېيىش ئارقىلىق قەدىرلەشنى شەخسىيىتىگە ئەمەس ئىستىلىگە باغلايمىز. شۇنداق قىلغاندا ئۆزىنىڭ تېخىمۇ ياخشى قىلالايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ يېتىدۇ.
9. كۈندىلىك ئىشلار ئارقىلىق سەۋرچان بولۇشنى ئۆگىتىمىز:
بىرەر مەسىلىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن سەپتە نۆۋەت كۈتۈپ تۇرغان ۋاقتىمىزدا، ياكى قىزىل چىراغدا ساقلاپ تۇرغان ۋاقتىمىزدا «مانا بۇ سەۋرچانلىقنى ئۆگىنىش پۇرسىتى…» دەيمىز.
10. ئۈلگە بولۇش ئارقىلىق تەربىيەلەيمىز:
بىز بالىلىرىمىزغا ۋارقىراپ گەپ قىلىپ تۇرۇپ، ئۇلاردىن تىنچ بولۇشنى تەلەپ قىلساق بولمايدۇ.
بىز كىتاب ئوقۇماي تۇرۇپ، بالىلارنى ئوقۇشقا قىزىقتۇرساق توغرا بولمايدۇ.
ئۈلگە بولۇش دېگەن ئەمەلى ئىش ھەرىكەت قىلىش ياكى ئەمەلىي ياشاپ كۆرسىتىش ئارقىلىق بولىدۇ.
11. ياخشىلىنىشنى ئالقىشلايمىز:
بالىمىز بىر ئىشتا بىر قەدەم ئالدىغا قەدەم باسقان بولسا، ئۇنى مۇلاھىزە قىلىپ: «بۈگۈن ئاچچىقىڭنى بېسىۋېلىشقا ئۇرۇنغانلىقىڭنى كۆرۈپ خوش بولدۇم. ياخشى قىلدىڭ» دېيىش ئارقىلىق تېخىمۇ ئالغا ئىلگىرىلەشكە قىزىقتۇرىمىز.
12. ئۇلارنىڭ رۇخسەت سوراشنى ئۆگىنىشى ئۈچۈن ئۇلاردىن رۇخسەت سورايمىز:
ئۇلارنىڭ سومكىسىنى ئېچىپ ئاقتۇرۇشتىن ئىلگىرى، ياكى ئۇلارغا خاس بىر نەرسىنى كۆرۈشتىن ئىلگىرى: «كۆرۈپ باقايمۇ؟ رۇخسەت قىلامسەن؟» دەپ رۇخسەت سوراشنى ئۆگىتىمىز. ئۇنىڭ خۇسۇسىيىتىنى قەدىرلىسەك، باشقىلارنى ھۆرمەتلەشنى ئۆگىتىدۇ.
13. بالىلارغا خاتالىقىدىن ئىبرەت ئېلىشىنى ئۆگىتىمىز:
بالىلارغا : «خاتالىق بىزنى قورقۇتمايدۇ، بەلكى دەرس بېرىدۇ، ھەممىمىز خاتالىشىمىز، مۇھىمى دەرس ئالماق لازىم» دەيمىز.
بۇ ئارقىلىق تەجرىبە قىلىشقا ۋە ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشقا پۇرسەت بېرىمىز.
14. تۇيغۇنى يۇقىرى كۆتۈرىمىز، لېكىن بېسىۋەتمەيمىز:
بالا يىغلىغاندا، ئۇنىڭغا «سېنىڭ كۆڭلۈڭنىڭ يېرىم ئىكەنلىكىنى، ياكى خاپا بولۇپ قالغىنىڭنى بىلىمەن. بۇ تەبىئىي ئىش» دەيمىز.
بۇ ئارقىلىق ئۇنىڭ تۇيغۇسىدىن خىجىل بولماي توغرا چۈشىنىشى ئۈچۈن تۇيغۇسىنى يۇقىرى كۆتۈرىمىز.
15. تەربىيەنىڭ مەنىسىنى ئىسىمىزدىن چىقارمايمىز:
تەربىيە دېگەن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىر تەرەپ قىلىۋېتىدىغان ئىش ئەمەس، بەلكى ئۇ بالىلار بىلەن بىرگە ماڭىدىغان ھايات سەپىرىدىن ئىبارەت.
«بالىلار بىلەن بىرگە ياشىغان ھەر ۋاقتىڭىز بالىلارنى تەڭپۇڭ، سۆيۈملۈك ۋە نەتىجىلىك يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن ياخشى پۇرسەت سانىلىدۇ».
16. سۆزلەرنى تاللاپ ئىشلىتىمىز:
دېمەكچى بولغان گەپنى ئىپادىلەشتە خاتالاشقان بولساق، كەچۈرۈم سورايمىز ۋە «بۇنى گۈزەل شەكىلدە دېمەكچى ئىدىم، قايتىدىن چۈشەندۈرەي» دەپ يېقىملىق سۆزلەر بىلەن قايتىدىن ئىپادىلەيمىز.
17. ئائىلىدىكى قارارغا قاتناشتۇرىمىز:
ئائىلىگە تەۋە بىرەر ئىشتا قارار ئالماقچى ياكى ئائىلىدىكى بىر نەرسىنى ئۆزگەرتمەكچى بولغاندا، ئۇلارنىڭ پىكرىنى ئالىمىز: «شىرەنى بۇ تەرەپكە يۆتكىسەك سەنچە قانداق بولار؟ مۇشۇنداق ئۆزگەرتىش قىلساق ساڭا مۇناسىپمۇ؟»
قارارغا قاتناشتۇرۇش ئەزالىق، تەۋەلىك پەيدا قىلىدۇ ۋە كۈچلەندۈرىدۇ.
18. ھەربىر ئەخلاقنى كۈندىلىك يۈرۈش تۇرۇشقا باغلاپ چۈشەندۈرىمىز:
مەسىلەن، راستچىللىق يادلاپ قويىدىغان پىكىر ئەمەس، بەلكى ئۇ بالا خاتالاشقانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان ۋاقتىدىكى پوزىتسىيە.
دېمەك، پىرىنسىپنى ئىش-ھەرىكەتكە باغلىساق، ئاسان سىڭدۈرگىلى بولىدۇ.
19. قىزىقتۇرىمىز، سېلىشتۇرمايمىز:
بالىغا» قېرىندىشىڭ سەندىن ياخشى» دېمەيمىز، بەلكى «خېلى تىرىشىۋاتىسەن ياكى ئىلگىرىلەشكە ئۇرۇنۇۋاتىسەن، بۇ ياخشى ئىش، مۇشۇ بۇيىچە داۋام قىلغىن» دەيمىز.
چۈنكى سېلىشتۇرۇش بالىنىڭ كۆڭلىنى سويىتىپ قويىدۇ، ئەمما قىزىقتۇرۇش ھىممىتىنى ئاشۇرىدۇ.
20. ھەربىر بالىنىڭ بىر-بىرىدىن پەرقلىق ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمىز:
ھەربىر بالىنىڭ چۈشىنىش ئۇسۇلى ۋە ئۆسۈپ يېتىلىش زامانى ئوخشىمايدۇ.
شۇڭا، بالىدىن كۈتىدىغان ئارزۇ- ئۈمىدنى يەڭگىلرەك قىلىپ، سۆيگۈنى كۆپرەك بېرىمىز.
«بالىڭىز ھېچكىمگە ئوخشىمايدۇ، شۇڭا ئۇنىڭغا باشقىلارغا ئوخشاش بولۇشنى يۈكلەپ قويماڭ».
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي