زۇلۇمغا قارشى تۇرۇش شەرىئەتنىڭ يۈكسەك مەقسىتى
شەرىئەتنىڭ مەقسىتى مەنپەئەتنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە زىياننىڭ ئالدىنى ئېلىش ئارقىلىق ئىنسانلارنى بەختلىك قىلىشتۇر. بۇنىڭغا ئاساسەن زۇلۇم، مۇستەبىتلىك، مۇستەملىكە ۋە خورلۇقنى يوقىتىدىغان ھەر قانداق بىر ھەرىكەت شەرىئەت ماھىيىتىنىڭ قاتارىدىن سانىلىدۇ.
زۇلۇمغا قارشىلىق كۆرسىتىش ئىنساننىڭ تەبىئىي خاراكتېرى. قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى ئەمەلىي ھەرىكەت ۋە ماددىي سەۋەب ھالىتىگە كېلىشتىن ئىلگىرى مەنىۋى تۇيغۇ ۋە ئىدىيە-كۆز قاراش ئارقىلىق بولىدۇ. شۇنى بىلىش كېرەككى، مەنىۋى كۈچ-قۇۋۋەتنىڭ تەسىرى بۈيۈك بولىدۇ ۋە تەسىرى زامانلار بويى يوقالمايدۇ. مەنىۋى ھوقۇقلارنىڭ قىممىتى ۋە ئەھمىيىتى ماددىي ھوقۇقلاردىن كۈچلۈك ۋە بۈيۈك بولىدۇ، چۈنكى مىللەتنىڭ «دىن، تىل، تارىخ، مەدەنىيەت» تىن ئىبارەت ئاساسلىق قىممەت-قاراشلىرىغا تاجاۋۇز قىلىشنىڭ تەسىرى مال-مۈلۈكنى بۇلىغاندىن يامان ۋە ئېغىر بولىدۇ. چۈنكى مال-دۇنيانى قايتۇرۇۋالغىلى بولىدۇ. بىراق دىن، تىل ۋە تارىخقا قىلىنغان تاجاۋۇزچىلىق خەتەرلىك بولۇپ، مىللەتنىڭ ئاساسىنى بۇزۇپ تاشلايدۇ، كىملىكىنى يوقىتىپ تاشلايدۇ، خاتىرە-ئىزلىرىنى ئۆچۈرۈۋېتىدۇ ۋە مەدەنىيىتىنى يوق قىلىۋېتىدۇ.
دېمەك، مىللەتنىڭ ئاساسلىق قىممەت-قاراشلىرىنى قوغداش ئۈچۈن قارشىلىق كۆرسىتىش مىللەتنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى، كىملىكىنى، خاراكتېرىنى ۋە پىسخىكىسىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن قارشىلىق كۆرسەتكەنلىك ھېسابلىنىدۇ. مىللەتنىڭ قىممەت-قاراشلىرىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچ ۋە بارلىق ئىمكانىيەت ئۇ يولدا سەرپ قىلىنىدۇ.
دىن، جان، ئەقىل، تۇپراق، ئابرۇي ۋە ھۆرلۈكنى قوغداش ئىنساننىڭ تەبىئىي ھەققىدۇر ۋە شەرىئەتنىڭ يۈكسەك مەقسىتىدۇر. رەسۇلۇللاھ: «كىم مال-مۈلكىنى قوغداش يولىدا ئۆلۈپ كەتسە شېھىت بولىدۇ، كىم دىنىنى قوغداش يولىدا ئۆلۈپ كەتسە شېھىت بولىدۇ، كىم جېنىنى قوغداش يولىدا ئۆلۈپ كەتسە شېھىت بولىدۇ، كىم ئائىلە-جەمەتىنى قوغداش يولىدا ئۆلۈپ كەتسە شېھىت بولىدۇ» دېگەن. (تىرمىزى بايانى)
زالىمغا قارشىلىق كۆرسىتىش مۇستەملىكىنى ياكى زۇلۇمنى رەت قىلغۇچىلارنىڭ ھۆرمىتى ۋە ئەركىنلىكنىڭ نامايەندىسى. ئادىمىيلىكنى يوقاتقان ياكى ئەقىلسىز ئىنساندىن باشقىسى خورلۇققا رازى بولمايدۇ ياكى تاجاۋۇزچىلىققا باش ئەگمەيدۇ.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي.