ئاللاھنىڭ يېگانىلىكى ۋە ئىخلاس سۈرىسىنىڭ تەپسىرى
قۇرئان كەرىم ئايەتلىرى بىزگە تەپەككۇر يۈرگۈزۈش ئارقىلىق تەۋھىدنىڭ ماھىيىتىنى قانداق دەلىللەپ چىقىشنى تەلىم بەرگەن. چۈنكى، ئەقىل پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە ئورتاق بولغان نەرسە بولۇپ، ئىرق، مىللەت، جىنس، ئېتىقاد ۋەھاكازالارنى ئايرىمايدۇ. مەزكۇر دەلىللەرنىڭ جۈملىسىدىن:
بىرىنچى دەلىل:
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «(ئى پەيغەمبەر!) ئېيتقىنكى، ئۇ ئاللاھ يېگانىدۇر، ئاللاھ ھەممىدىن بىھاجەتتۇر. ئۇ بالا تاپقانمۇ ئەمەس، تۇغۇلغانمۇ ئەمەس. ھېچكىم ئۇنىڭغا تەڭداش بولالمايدۇ» (سۈرە ئىخلاس، 1—4 – ئايەتلەر).
﴿(ئى پەيغەمبەر!) ئېيتقىنكى، ئۇ ئاللاھ يېگانىدۇر﴾ دېگەن بىرىنچى ئايەت ھەققىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ باقىدىغان بولساق، بىز ئىمان كەلتۈرۈش تەلەپ قىلىنىۋاتقان ھەقىقەتنى مۇنداق مۇئەييەنلەشتۈرەلەيمىز: ئاللاھ تائالا زاتىدا يېگانىدۇر، ئىسىم ۋە سۈپەتلىرىدە يېگانىدۇر، ئىش – ھەرىكەتلىرىدە يېگانىدۇر، ئۇنىڭ شېرىكى ھەم تەڭدىشى يوق، ئۇنىڭغا ئوخشاش ھېچ نەرسە يوق، ئۇ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچى ۋە كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.
ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە «أحد» دېگەن ئىبارىنى قوللانغان بولۇپ، «واحد» دېمىگەنكى، ئىلاھ ئەسلىدە بىرقانچە بولغىيمىدى دەپ تەسەۋۋۇر قىلىنمىغاي؛ ئاندىن بۇ ھەقىقەتنىڭ پۈتۈن تەۋھىد ھەقىقەتلىرىنى ۋە ھەر تەرىپىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى ئۇقۇلغاي. بۇ ئايەتنىڭ بېشىدا «ئېيتقىنكى» دېگەن ئىبارىنى قوللىنىش ئىدراكلارغا سىگنال بېرىش، تىڭشىغۇچىلارنى سەگەكلەشتۈرۈش ۋە ئۇلارغا ئۆزلىرىنىڭ تۆۋەندىكى ھەقىقەتكە ئېتىقاد قىلىپ، ئىقرار قىلىشى تەلەپ قىلىنغۇچىلار ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرۇشتۇر. ئاللاھ تائالانىڭ: «ئۇ» دېگەن سۆزى يېگانىلىكنى ئۆزىگە خاسلاشتۇرۇپ، ئوڭچىلاشنى ئىپادىلەيدۇ. چۈنكى، بۇ سۈپەتنىڭ ئاللاھتىن باشقا بىرىدە بارلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس.
بەلكىم بىراۋ: «تەۋھىد ھەقىقىتىنى ئىسپاتلايدىغان ئەقلىي ھەم نەقلىي دەلىل قېنى؟» دەپ سورىشى مۇمكىن.
مېنىڭچە، بۇ سۈرىدىن تۆۋەندىكى ئايەتلەرنىڭ ئۆزىلا ئەقلىي دەلىللەردۇر:
1. ئاللاھ تائالانىڭ ﴿ئاللاھ ھەممىدىن بىھاجەتتۇر﴾ دېگەن سۆزىنىڭ مەنىسى: پۈتۈن ھاجەتلەردە ئىلتىجا قىلىنىدىغان زات يەككە – يېگانىدۇر يەنى يالغۇز ئاللاھ تائالالا پۈتۈن مەۋجۇدات ۋە مەخلۇقاتلاردىن بىھاجەتتۇر، پۈتۈن مەۋجۇدات ۋە مەخلۇقاتلار ئۇنىڭغا موھتاجدۇر دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. گوياكى «بۇ، ئىنچىكە تەكشۈرۈش ئارقىلىق يەكۈنلەنگەن دەلىلدۇر» دېيىلگەندەك مەنىگە ئىگە. ئەمەلىيەتتە بۇ ئەقلىي دەلىل بولۇپ، پۈتۈن ئەقلى بار مەخلۇقاتلارغا ئورتاق ئەھۋالدۇر. سىز پۈتكۈل مەخلۇقات ۋە مەۋجۇداتلار ئىچىدە باشقا بىرىگە ئېھتىياجى چۈشمەيدىغان بىرىنى كۆرۈپ باقتىڭىزمۇ؟ دەرھەقىقەت، پۈتۈن مەخلۇقات ۋە مەۋجۇدات ئۆزلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىدا ۋە مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرۇشتا ئاللاھ تائالاغا موھتاجدۇر: «شەكسىزكى، سىلەر ئاللاھ تائالانى قويۇپ تېۋىنىۋاتقان مەبۇدلىرىڭلار ھەممىسى بىر بولغان تەقدىردىمۇ بىر تال چىۋىنمۇ يارىتالمايدۇ» (سۈرە ھەج، 73 – ئايەت). شۇنىڭدەك، ھېچكىم ئۆزىنى ئۆزى ياراتقانلىقىنى ياكى چەكسىز ئەۋلاد قالدۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلالمايدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلار ھېچ نەرسىسىز يارىتىلىپ قالدىمۇ ياكى ئۇلار ئۆزلىرى ياراتقۇچىمۇ؟» (سۈرە تۇر، 35 – ئايەت).
بۇ نۇقتىدا مۇنداق ئىككى دەلىلگە ئىشارەت قىلىنغان:
1) سەۋەب – نەتىجە دەلىلى. بۇ دەلىل كائىناتتا ئەزەلىيەت سۈپىتىگە ئىگە بولمىغان، قانداقتۇر بىر زامان ئىچىدە پەيدا بولغان ھەرقانداق نەرسىلا بولىدىكەن، چوقۇم سۈپەتتە ۋە ھەيئەتتە ئۇنىڭغا ئوخشىمايدىغان بىر پەيدا قىلغۇچىسى بارلىقىغا دالالەت قىلىدۇ.
2) چەكسىزلىكنى يوققا چىقىرىش دەلىلى. بۇ دەلىل ھېچبىر مەخلۇقاتتا چەكسىزلىك بولۇشىنىڭ ئەقىلگە سىغمايدىغانلىقىغا دالالەت قىلىدۇ.
بۇنىڭ ئىلمىي ۋە ئەقلىي دەلىللىرى ناھايىتى كۆپ. چۈنكى، ﴿ئاللاھ ھەممىدىن بىھاجەتتۇر﴾ دېگەن ئايەت بىزگە شۇنى تەلىم بېرىدۇكى، پۈتكۈل مەخلۇقاتلار ئىچىدە ئاللاھ تائالاغا موھتاج بولمايدىغان ھەرقانداق بىرى بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. پەقەت ئاللاھ تائالالا باشقىلاردىن بىھاجەت بولىدىغان بىردىنبىر زاتتۇر. شۇ ۋەجىدىن، پەقەت ئاللاھتىن باشقا ھېچكىم ئىلاھ بولۇشقا يارىمايدۇ.
ئەمدى بىز ئىككىنچى ئايەتكە نەزىرىمىزنى ئاغدۇرىدىغان بولساق، «مەخلۇقاتلار ئىچىدە بىھاجەت بولغىلى بولمايدىغان بىرەرسى بارمۇ؟» دەيدىغان سوئال تۇغۇلىدۇ. ناۋادا بىرى: «پالانى داھىيدىن بىھاجەت بولۇش مۇمكىن ئەمەس» دېسە، بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن ئۇ داھىي ئۆلۈپ، كائىنات يەنە ئۆز پېتى دەۋر قىلىۋەرسە، ئۇ چاغدا ئۇنىڭ بىھاجەت بولغىلى بولمايدىغان بىرى ئەمەسلىكى ئايدىڭلىشىدۇ. ئەگەر بىرى: «سۇدىن بىھاجەت بولغىلى بولمايدۇ» دېسە، بىز دەيمىزكى: «سۇنىڭ ئۆزىمۇ مەۋجۇتلۇقى، تەسىرى ۋە خۇسۇسىيەتلىرىدە ئاللاھقا موھتاج. پەقەت يالغۇز ئاللاھ تائالالا پۈتكۈل مەخلۇقاتلىرىدىن بىھاجەتتۇر. ئاللاھ تائالا ئەزەلدىن بار ئىدى، ئەمما ئۇنىڭدىن باشقا ھەرقانداق نەرسە يوق ئىدى. بۇ كائىنات ۋە پۈتكۈل مەۋجۇدات ھامىنى يوقىلىدۇ. ئاللاھ تائالا مەڭگۈ تىرىك، ھەممىنى ئىدارە قىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ئۇنى مۈگدەك باسمايدۇ، ئۇيقۇ تۇتمايدۇ». ئۆلىمالار بۇ سۈپەتنى «ئۆز مەۋجۇتلۇق» دەپ ئاتايدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «بىر ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئاللاھ ھەمىشە تىرىكتۇر، ھەممىنى ئىدارە قىلىپ تۇرغۇچىدۇر» (سۈرە بەقەرە، 255 – ئايەت).
2. ئاللاھ تائالانىڭ ﴿ئاللاھ بالا تاپقان ئەمەس﴾ دېگەن سۆزىگە كەلسەك، بۇ ئايەتتە ئىككى دانە ئەقلىي دەلىل بار بولۇپ، بۇنىڭدىن خۇددى مۇنداق دېيىلگەندەك بىر مەنە بارلىقىنى ئۇقۇۋالغىلى بولىدۇ: «مەن پۈتكۈل كائىناتنى ناھايىتى ئىنچىكە تەكشۈرۈپ چىقتىم. بۇ كائىناتتا بالا تاپىدىغان كىم بولسا، ئۆزىمۇ چوقۇم تۇغۇلغان بولىدىكەن؛ تۇغۇلغان كىم بولسا، چوقۇم ئۆلىدىكەن. دېمەك، بۇلاردىن ھەرقاندىقىنىڭ ئىلاھ بولالىشى مۇمكىن ئەمەس. يالغۇز ئاللاھ تائالا بۇنداق قۇسۇرلاردىن پاكتۇر. بۇ سۈپەت ئاللاھ تائالانىڭ مەڭگۈ باقىي زات ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ».
3. ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿ئاللاھ تۇغۇلغانمۇ ئەمەس﴾ دېگەن سۆزىگە كەلسەك، بۇ ئايەتتە مۇنداق دېيىلگەندەك مەنە بار: «كائىناتنى ئىنچىكە تەكشۈرۈپ بېقىڭ، تۇغۇلغان ھەرقانداق بىرىنىڭ چوقۇم كېيىن ئاپىرىدە بولغانلىقىنى ۋە باشقىلارغا موھتاج ئىكەنلىكىنى؛ ئۇنىڭدا ئۆزگىرىش، ئەيىب – نۇقسان، كېسەللىك، ئۇيقۇ، ئاجىزلىق ۋە ئاچلىق دېگەندەك ئىللەتلەر تېپىلىدىغانلىقىنى بايقايسىز. جۈملىدىن، ئىيسا ئەلەيھىسسالام راستچىل، توي قىلمىغان مەريەم ئانىمىزدىن تۇغۇلغان ئەمەسمىدى؟! دېمەك، ئۇ ئىلاھ ئەمەس، مەخلۇقتۇر. ئادەم ئەلەيھىسسالام ياكى قورام تاشنىڭ ئىچىدىن چىققان تۆگىگە كەلسەك، گەرچە ئۇلار تۇغۇلغان بولماستىن، بىۋاسىتە يارىتىلغان بولسىمۇ، ئەۋلاد قالدۇرىدۇ. بالا تاپمىغان، تۇغۇلمىغان ۋە ئۆزگەرمىگەن ئاللاھتىن باشقا كىم بار؟ ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر. بۇ سۈپەت ئاللاھ تائالانىڭ باشلىنىشى يوق، ئەزەلىي زات ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ». ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھنىڭ ئىپتىداسى يوقتۇر، ئىنتىھاسى يوقتۇر (يەنى ئۇ ھېچ نەرسە يوق ۋاقىتتىمۇ بار ئىدى، ھەممە يوقالغاندىن كېيىنمۇ بار بولىدۇ)، ئاشكارىدۇر (يەنى مەۋجۇتلۇقىنى كۆرسەتكۈچى دەلىللەر بىلەن ئەقىللەرگە ئاشكارىدۇر)، مەخپىيدۇر (يەنى ئۇنى كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدۇ، ئۇنىڭ زاتىنىڭ ماھىيىتىنى تونۇشقا ئەقىللەر يەتمەيدۇ)، ئاللاھ ھەر نەرسىنى بىلگۈچىدۇر» (سۈرە ھەدىد، 3 – ئايەت).
4. ئاللاھ تائالانىڭ ﴿ئۇنىڭغا ھېچكىم تەڭداش بولالمايدۇ﴾ دېگەن سۆزىگە كەلسەك، بۇ ئايەتتە مۇنداق دېيىلگەندەك مەنە بار: «كائىناتنى ئىنچىكە تەكشۈرۈپ بېقىڭ، ئاللاھتىن باشقا مەبۇد قىلىنىۋاتقان ھەرقانداق مەخلۇق ياكى نەرسىنىڭ چوقۇم تەڭدىشى ياكى ئوخشىشى بارلىقىنى بايقايسىز. ناۋادا تەڭدىشى ياكى ئوخشىشى يوق بىرىنى بايقاپ قالسىڭىز، شۇنى ئىلاھ قىلىڭ. بۇنداق سۈپەتكە ئىگە ئاللاھتىن باشقا ھېچ نەرسە تاپالمايسىز. مەلۇم ئارتۇقچىلىقى بىلەن باشقىلاردىن ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇرىدىغان بىر ئىنساننى بايقىدىڭىز دەيلى. چوقۇم ئۇزۇنغا قالماي باشقا تەرەپلەردە ئۇنى ئېشىپ چۈشىدىغان يەنە بىرىنى ئۇچرىتىسىز ياكى مەزكۇر كىشىنىڭ باشقا تەرەپلەردە كەمچىلىكى بارلىقىنى بايقايسىز ياكى ئۇ مەلۇم تەرەپلەردە باشقىلارغا موھتاج بولىدۇ. مەسىلەن، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئالساق، ئۇ قەددى – قامەتتە، بەدەن – قىياپەتتە ۋە ئاللاھقا تائەت – ئىبادەت قىلىشتا پۈتكۈل مەخلۇقاتنى بېسىپ چۈشىدۇ… قىسقىسى، ھەرقانداق ئىنسانىي كامالەت ئىزدىسىڭىز، ئۇنىڭدا تېپىلىدۇ. مەزكۇر كامالەتلەردە ئۇنىڭ ئوخشىشى بولمىغان تەقدىردىمۇ، ئىنسان بولۇشتا ئوخشىشى بار. چۈنكى، ئۇمۇ تۇغۇلۇپ، ئۆلۈپ كەتكەن بىر ئىنسان ئىدى، يەپ – ئىچەتتى، ئۇخلايتتى، ئۆيلىنەتتى، بازارلارنى ئايلىناتتى… شۇنداق بولغان يەردە، ئەلۋەتتە ئۇنىڭدا باشقا ئىنسانىي سۈپەتلەرنىڭ تېپىلىشىمۇ تۇرغانلا گەپ». دېمەك، ﴿ئاللاھقا ھېچكىم تەڭداش بولالمايدۇ﴾ دېگەن بۇ ئايەت ئارقىلىق بۇ سۈپەتنىڭ باشقا ھاۋادىساتلاردىكىگە ئوخشىمايدىغان سۈپەت ئىكەنلىكى مۇئەييەنلىشىدۇ.
يىغىپ ئېيتقاندا، سۈرە ئىخلاس تەۋھىد سۈرىسىدۇركى، بىز بۇ سۈرە ئارقىلىق ئەقلىي ۋە نەقلىي جەھەتلەردە ئاللاھ تائالاغا ئىسپاتلاش ۋاجىپ بولغان ئەڭ مۇھىم سۈپەتلەرنى تونۇپ يەتتۇق. بۇ تونۇش ئاللاھ تائالانى نالايىق سۈپەتلەردىن پاك دەپ ئېتىقاد قىلىش ئۈچۈندۇر. مەزكۇر سۈپەتلەر: ئاللاھنىڭ يەككە – يېگانىلىكى، ئۆز مەۋجۇتلۇقى، باشقا ھەرقانداق نەرسىدىن بىھاجەت ئىكەنلىكى ۋە باشقا ھەرقانداق نەرسىنىڭ ئۇنىڭغا موھتاجلىقى، ئاللاھنىڭ ئىنتىھاسى يوق ئەبەدىيلىكى، ئىپتىداسى يوق ئەزەلىيلىكى، باشقا ھاۋادىساتلارغا قەتئىي ئوخشىمايدىغانلىقى قاتارلىق سۈپەتلەردۇر. ئاللاھ تائالاغا بارچە كامالەت سۈپەتلىرىنى ئىسپاتلاش ۋاجىپتۇر. كېيىنكى بەتلەردە «ئاللاھقا ئىمان ئېيتىش» ھەققىدە توختالغان چاغدا، بۇ ھەقتىمۇ كونكرېتراق توختىلىپ ئۆتىمىز.