يېگانە ياراتقۇچى ھېچ نەرسىگە ئوخشىمايدۇ ۋە بىرلەشمەيدۇ
ئاللاھ ئىنسانلارنى توغرا يولغا ھىدايەت قىلىش ئۈچۈن پەيغەمبەرلەرگە ۋەھىي قىلغان توغرا دىن پەقەت بىر دىن بولۇپ، ماھىيىتى ۋە جەۋھىرىدە تەۋھىد ئەقىدىسى ئۈستىگە قۇرۇلغان. توغرا دىن ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەن دىن بولۇپ، ئەقىل ئىگىلىرىگە قارىتىلغان. توغرا دىن پەقەتلا ئەقىدە ۋە شەرىئەت بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئىنساننىڭ ساغلام ھاياتى ئۈچۈن بۇ دۇنيادىكى ھايات مېتودى، مۇكەممەل تۈزۈم ۋە ئاخىرەتتىكى بەخت- سائادەتنىڭ كېپىلى.
ئاللاھ تەرەپتىن چۈشۈرۈلگەن دىننىڭ ماھىيىتى: ھەقىقىي مەۋجۇت بولغان يېگانە بىر ئىلاھنىڭ بارلىقىغا ئىشىنىشتۇر. ئۇ ئىلاھ ئىنساننى يارىتىپ، ئىنسانغا مەخلۇقاتلار ئارىسىدا ئالاھىدە ئورۇن ھازىرلاپ بەرگەن. ئىنسانغا بۇ دۇنيادا قىلىشقا تېگىشلىك ۋەزىپىسىنى بايان قىلىپ بەرگەن. بۇ ئىمان ئىنساننىڭ گېن خەرىتىسىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ياراتقۇچىنىڭ بارلىقىنى ئېتىراپ قىلىش ئىنسان يارىتىلىشتىن ئىلگىرى ئىنسان خاراكتېرىدە ئورۇنلاشتۇرۇلغان. دېمەك، دىن ئىنسان خاراكتېرىدىكى ئاساسلىق نەرسە.
ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەن ئىلاھى كۆرسەتمىلەر دىننىڭ ماھىيىتىنى ئاللاھنىڭ بارلىقىغا، يېگانىلىقىغا ئىشىنىش ۋە ئۇنىڭ كۆرسەتمىلىرىنى تۇتۇپ مېڭىش دەپ تونۇتتى. ئۇ كۆرسەتمىلەر مەرىپەت ئاساسلىرىنى توغرىلاپ بەردى. دىن، ھايات ۋە كائىناتقا مۇناسىۋەتلىك بۈيۈك ھەقىقەتلەر توغرىسىدا ئومۇميۈزلۈك چۈشەنچە بەردى.
ئاللاھ پەيغەمبەرلەرگە ۋەھىي قىلغان ئىلاھىي يوليورۇقلار ئىنسانىيەت تارىخىدا يۈز بېرىپ تۇرىدىغان بۇرۇلۇشلارنى ئىسلاھ قىلىش، دىننى بۇددىزم تەسىرلىرى ۋە ھەر تۈرلۈك بۇرۇلۇش ئامىللىرىدىن پاكلاش ئۈچۈن ئارقىمۇ-ئارقا كەلگەن.
ئاللاھ چۈشۈرگەن ساماۋى كىتابلاردىكى ۋەھىي ئېلىپ كەلگەن كۆرسەتمىلەر كائىنات ۋە ھايات ئىشلىرى ئۈچۈن ئېنىق باياندۇر. بۇ دېگەنلىك ھايات ۋە دۇنيا ئىشلىرىدا ئەقىلنى ئىزدىنىش ۋە تەپەككۇر قىلىشتىن توسمايدۇ، چۈنكى ئىزدىنىش ئىنساننى ئاخىردا ئاللاھ دېگەن نەرسىنىڭ ھەق ئىكەنلىكىگە ئېلىپ بارىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەقىل بىلەن نەقىل ئارىسىنى ياكى تەپەككۇر بىلەن ۋەھىينى ياكى پەلسەپە بىلەن دىننى ياكى دىن بىلەن بىلىم-مەرىپەتنى ماسلاشتۇرۇش مەسىلىسى دىنىمىزدا مۇقەررەرلەشتۈرۈلگەن. ئاللاھ تەرەپتىن كەلگەن ئاخىرقى دىن ئىسلام دىنى بولۇپ، ئىنسانىيەت ھەرىكىتىنى يېتەكلەش، تەۋھىد ئەقىدىسىنى تەكىتلەش، ئەھل كىتابنىڭ دىنلىرىدىكى ھەرخىل پەلسەپەدىكى بۇرۇلۇشلارنى تۈزىتىش ئۈچۈن كەلگەن.
ئىسلام ئەقىدىسىدە تەۋھىدنىڭ تەلەپ تەقەززاسى ئاللاھنىڭ زاتىدا، سۈپەتلىرىدە ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرىدە يېگانە زات ئىكەنلىكىگە ئىمان كەلتۈرۈشتۇر. ئاللاھنىڭ يېگانىلىقى زاتىدا ياكى سۈپەتلىرىدە ياكى ئىش-ھەرىكەتلىرىدە بىرەر نەرسىنىڭ شېرىكچىلىكىنى ياكى ئورتاقچىلىقنى ياكى ھەمكارلىقنى قوبۇل قىلمايدۇ. ئۇ زات يېگانە بولۇپ بىرەر نەرسە بىلەن بىرلەشمەيدۇ ياكى بىرەر نەرسىگە چۈشمەيدۇ ياكى بىر قانچە نەرسىدىن تەركىپ تاپمايدۇ.
يېگانە ئىلاھ بولغان ئاللاھ كائىنات ۋە مەۋجۇدىيەتنىڭ ياراتقۇچسى، ھەممە ئىشلارنى بىلىپ تۇرغۇچى، كۆرۈپ تۇرغۇچى، ئاڭلاپ تۇرغۇچى ۋە تەقدىر قىلغۇچىدۇر. ئۇ زات كامالەت سۈپەتلىرىگە ئىگە زات بولۇپ، بارلىق ئەيىب نۇقساندىن پاكتۇر. ھېچقانداق نەرسە ئۇ زاتقا ئوخشىمايدۇ. ياراتقۇچى زات بىلەن يارىتىلغان مەخلۇقنىڭ سۈپەتلىرى ئارىسىدا ئوخشاشلىق بولمايدۇ. ئۇ زات ئەزەلدىن تارتىپ بار ئىدى، ئۇنىڭ بىلەن ھېچ بىر نەرسە يوق ئىدى. ئۇ زات ئەزەلدىن قانداق بولغان بولسا ھازىرمۇ شۇ ھالىتىدە. ئۇ زات زامان، ماكان ۋە كائىناتتىن سىرتقى زات بولۇپ بىرەر نەرسىگە ئېھتىياجى چۈشمەيدۇ ھەم بىر نەرسە بىرلىشىپ قالمايدۇ. ئۇ زات ھېچقانداق بىر نەرسىگە ئوخشىمايدۇ.
ئاللاھدىن باشقا ھەر قانداق نەرسە ئىككىلىك، جۈپلۈك، ئورتاقلىق، بىرلىشىش، ھەمكارلىق ۋە يار-يۆلەك بولۇش قائىدىسى ئۈستىگە قۇرۇلغان. ئەمما ياراتقۇچى ئاللاھنىڭ ئۆزىلا جۈپلۈكتىن، ئىككىلىكتىن، ئورتاقچىلىقىتىن، ئوخشاشلىقتىن ياكى ئېھتىياجىنىڭ چۈشۈپ قېلىشىدىن ياكى بىرەر نەرسە بىلەن بىرلىشىپ قېلىشتىن پاكتۇر. شۇڭا ئۆزىنى (ئەھەد) دېگەن سۆز بىلەن يەككە-يېگانە دەپ سۈپەتلىگەن.
ئىسلامنىڭ تەۋھىد ئەقىدىسى ئىنساننى ياراتقۇچى ۋە مەۋجۇدىيەت بىلەن باغلايدۇ. چۈنكى ئىنسان ئاللاھنىڭ مەخلۇقى بولۇپ، شەرىئەتنىڭ مەقسەتلىرى ۋە كۆرسەتمىسىگە قارىتا دۇنيانى گۈللەندۈرۈشكە تەكلىپ قىلىنغان ئىزباسارى (ۋەكىلى). ئىنسان، كائىنات ۋە تەبىئەت كۈچلىرى ئارىسىدا بىر بىرىنى يۆلەش ۋە دوستلۇق ئالاقىسى تېپىلىدۇ. ئىنسان بىلەن كائىنات ياكى تەبىئەت بىر بىرىگە دۈشمەن ئەمەس. كائىنات ياكى تەبىئەتتىكى ھەر قانداق نەرسە ئاللاھقا بويسۇنۇش ۋە ئۇلۇغلاش ئالاقىسى بىلەن باغلانغان. شۇنداقلا جىسىم بىلەن روھ، دىن بىلەن دۇنيا، دىن بىلەن بىلىم-مەرىپەت، بىلىم-مەرىپەت بىلەن ئەخلاق، دۇنيا بىلەن ئاخىرەت، ماددىي دۇنيا بىلەن مېتافىزىكا دۇنياسى، سەۋەب بىلەن غايىلەرنىڭ ھەممىسى تەۋھىد ئالاقىسى بىلەن تەڭپۇڭ باغلانغان. تەبىئەت ياكى كائىنات ئاللاھنىڭ مەخلۇقى بولۇپ، پەقەت ئاللاھنىڭ تەدبىرى بىلەن ھەرىكەتلىنىدۇ، ئاخىرىدا ئاللاھ بەلگىلىگەن دائىرىدە توختايدۇ.
ئىسلامدىكى تەۋھىد ئەقىدىسى پەقەتلا ياراتقۇچى ئاللاھغا بويسۇنۇش دېمەكتۇر، ئاللاھنىڭ ئۆزى ۋە پەيغەمبىرى سۈپەتلەپ بەرگەن سۈپەتلىرىگە ئىشىنىش دېمەكتۇر. تەۋھىد ئەقىدىسى ئىنساننى ئاللاھدىن باشقا ھەر قانداق نەرسىگە قۇلچىلىق قىلىشتىن ئازاد قىلىش دېمەكتۇر. ئىسلامنىڭ تەۋھىد كۆز قارىشى مۇسۇلمانلارنىڭ كىملىك يولى، ئويغىنىشنىڭ ھەقىقىي تۈرتكىسى ۋە توقۇنۇش قاينىمىدىكى پوزىتسىيەسىنىڭ بىرلىكىدۇر.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي