كۈرەش مەيدانىدىكى ئىنسانلار چۈشىنىشكە تېگىشلىك نۇقتىلار
باشتا شۇنى بىلىش كېرەككى، بەدىنىڭىزنى ئۆزىڭىزنىڭ تىرنىقىغا ئوخشاش ھېچكىم قاشلاپ قويمايدۇ. سىز گۇناھسىز، ياكى مەزلۇم، ياكى ئاجىز ، ياكى تىنچلىقپەرۋەر بولغانلىقىڭىز ئۈچۈن بىرسى سىزنى قۇتقۇزۇپ قويارمىكىن دەپ كۈتۈپ ئولتۇرۇش گۈزەل چۈشتىن ئىبارەت. بۇنىڭغا غاپىللاردىن باشقا ھېچكىم ئىشەنمەيدۇ.
بۇ زاماندىكى رېئاللىققا ۋە سىياسىي پەلسەپەلەرگە قارايدىغان بولساق، مىللەتلەر توقۇنۇش مەسىلىسىدە «مەنپەئەت، ياكى ئۇ مەنپەئەتنى قولغا كەلتۈرىدىغان كۈچ» دېگەندىن باشقا نەرسىنى تونۇمايدۇ. شۇنىڭدەك بۈگۈنكى دۇنيانىڭ سىياسىتىدە توقۇنۇش مەسىلىسىدە مەڭگۈلۈك دوست ياكى مەڭگۈلۈك دۈشمەن دەيدىغان ئۇقۇم يوق. ئەمما ئىسلامدا بۇ مەسىلە پەرقلىق.
كۈرەش مەيدانىدىكى كىشىلەر ئۆزلىرىدە يېتىلدۈرۈشكە تېگىشلىك مۇھىم نۇقتىلار تۆۋەندىكىچە:
1. ئەقىدە ئىسلامنىڭ تۈۋرۈكى، ئاساسىي، پەلسەپەسى، مەقسىتى ۋە ئىسلامنىڭ دۇنيا قارىشىدۇر. ئەقىدە مۇسۇلمانلارنىڭ روھى. ئەگەر مۇسۇلمانلار ئەقىدىگە تايانماي تۇرۇپ، ھۆرلۈك ياكى ئىززەت – ھۆرمەتكە ئېرىشىشنى ئىزدەپ يۈرسە، مەغلۇبىيەتتىن باشقا نەرسىگە ئېرىشەلمەيدۇ.
2. ئاز سانلىق كىشىلەرنىڭ كۆپ سانلىق دۈشمەنلەر ئۈستىدىن غەلىبە قىلىدىغانلىقى مۆمىنلەرنىڭ خىيالى ئەمەس، بەلكى بۇ ھەربىي فاكۇلتېتلاردا ئۆگىتىلىدىغان ئەمەلىي ۋە رېئال ھەربىي ئەقىدىدۇر.
3. بۈگۈنكى زاماندا تەشۋىقات كۈرىشى ئۇرۇشنىڭ ئاساسلىق مۇھىم بىر قىسمىنى تەشكىل قىلماقتا. مىللەتلەرنىڭ ھەممىسى ھەربىي، سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي كۈرەشلىرىنى تەشۋىقات ئارقىلىق ئېلىپ بېرىشتا ماھىرلىشىپ كەتتى. بىز بۇ ساھەدە بەك ئارقىدا قالغانلىقىمىز ئۈچۈن دۈشمەننىڭ تەشۋىقاتىغا ئالدىنىپ قېلىۋاتىمىز ھەمدە تاقابىل تۇرۇشتا ئاجىزلىق قىلىۋاتىمىز.
4. مەھكۇم بىر مىللەتكە نىسبەتەن ھەر بىر كىشىنىڭ ئاۋازى، ھەربىر كىشىنىڭ ھەرىكىتى، ھەربىر كىشىنىڭ ئىقتىسادىي ھەسسىسى مۇستەقىللىق كۈرىشىدە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. شۇڭا، مېنىڭ ئاۋازىم، مېنىڭ ھەرىكىتىم، مېنىڭ ھەسسە قوشقان مەبلىغىم قانچىلىك ئۆزگىرىش پەيدا قىلالايتتى دېمەڭ. قولىڭىزدىن كېلىشىچە كۈچ چىقىرىڭ.
ئەگەر سىزنىڭ ئاۋازىڭىزنىڭ، ياكى ھەرىكىتىڭىزنىڭ، ياكى ئىقتىسادىي ياردىمىڭىزنىڭ قىممىتى بولمىسا، نېمە ئۈچۈن دۈشمەن سىزنى ھېچقانداق ئىشقا ئارىلاشماي سۈكۈت قىلىپ باش ئىگىپ تۇرۇشقا چاقىرىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن سىزنى ئىدىيەسى خەتەرلىك دەپ ئەمەلىي ئىش قىلىشتىن ئىلگىرى قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈپ بولىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن سىزنى سىياسىي جىنايەتچى سۈپىتىدە قارىلايدۇ؟
بەلكىم ۋاقتىنچە بىر ئىش قىلىشقا ئىمكانىيىتىڭىز بولمىسىمۇ، ئۆزىڭىزنىڭ دىنىي – مىللىي كىملىكىڭىزنى ۋە قىممەت قاراشلىرىڭىزنى قوغداپ تۇرۇشىڭىز، دىنىي ۋە مىللىي مەجبۇرىيىتىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماي تۇرۇشىڭىز، ئۆزىڭىزنىڭ قانداق بولۇپ مۇستەملىكىگە ۋە خورلۇققا چۈشۈپ قالغانلىقىڭىزنى ھېس قىلىشىڭىز؛ ھۆرلۈك، ھەقىقەت ۋە ئادالەت مەيدانىڭىزدىن ۋاز كەچمەسلىكىڭىز، بالىلىرىڭىزنى ئەقىدە، ئەخلاق، ساغلام ئىدىيە ۋە مىللەت موھتاج بولۇۋاتقان مۇھىم ساھەلەردە ئىلىم – مەرىپەت جەھەتتىن ياخشى تەربىيەلەپ چىقىشىڭىز غەلىبىنىڭ يولىدۇر.
5. جەڭ ۋە كۈرەش دەرد – ئەلەملىك، ئۇ يولدىكى قىيىنچىلىقلارغا بەرداشلىق بېرىش ۋە ئاللاھنىڭ ۋەدىسىگە ئىشىنىش غەلىبە قىلىشنىڭ يولى. ھۆرلۈك، ئىززەت- ھۆرمەت، ھەقىقەت ۋە ئادالەت يولىدا ئۆلۈم كېلىپ قالسا شېھىتلىك ماقامىغا ئېرىشكەنلىكتۇر.
كۈرەشنىڭ دەرد – ئەلەملىرى ئېغىر بولىدۇ. شۇڭا، كۈرەشنىڭ ھەر بىر تۈرلىرىدە غەلىبە قىلىش ئۈچۈن سەۋەب-نەتىجە قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇن ھەرىكەت قىلىش، ھەرقايسى جەھەتتىكى تەييارلىقنى پۇختا قىلىش، ئىلمىلىك ۋە ئاڭلىق بولۇش، پىرىنسىپچان ۋە ئىرادىلىك بولۇش تەلەپ قىلىنىدۇ. كۈرەشتە چىداملىق بولۇش ئۈچۈن ئاللاھقا ۋە قىيامەت كۈنىدىكى مۇكاپات ياكى جازاغا كەسكىن ئىشىنىش لازىم.
تاجاۋۇزچىغا قارشى تۇرۇشنىڭ ۋە ۋەتەننى مۇستەقىل قىلىشنىڭ ساغلام يولى مانا بۇنىڭدىن ئىبارەت.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي