
ياخشى تەربىيەنىڭ ئاساسىي نېمە؟
ياخشى تەربىيەنىڭ ئاساسىي «ئىلىم – مەرىپەت ۋە بالىلارغا توغرا مۇئامىلە قىلىش» تىن ئىبارەت ئىككى تۈرلۈك ئاساس ئۈستىگە قۇرۇلىدۇ.
بۇ ئىككى تۈرلۈك ئاساس ئاتا-ئانىدىن ئىرسىيەت يولىدىن كېلىپ قالمايدۇ ياكى تاسادىپىي پەيدا بولۇپ قالمايدۇ، بەلكى ئاتا-ئانا بولغۇچىنىڭ زۆرۈر بولغان ئىلىملەرنى ئۆگىنىشى، ئىزچىل كىتاب ئوقۇپ ئىزدىنىشى ۋە بۇ ئىشقا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشى ئاساسىدا ھاسىل بولىدۇ. ئاتا-ئانىنىڭ ياخشى نىيەتلىك بولۇشى تەربىيەدە مەقسەتنى ئىشقا ئاشۇرالمايدۇ.
بالىلار تەربىيەسىدە ئۆينىڭ بولۇشى قانداق مۇھىم بولسا، دىنىي ۋە مىللىي كىملىك تەربىيەسىنى ئېلىپ بارىدىغان مەكتەپ/مەركەزنىڭ بولۇشىمۇ شۇ قەدەر مۇھىم.
ئەقىدە ۋە ئەخلاقنى كۈچلەندۈرۈش ئۈچۈن مەسچىتنىڭ بولۇشى قانداق مۇھىم بولسا، ئەقىلنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، پىكىرنى تۈزىتىش ۋە مىللىي كىملىكنى قوغداش ئۈچۈن ئىلىم – مەرىپەت ئۆگىتىدىغان ساغلام پىكىرلىك مەكتەپ/مەركەزنىڭ بولۇشىمۇ ئۇ قەدەر مۇھىم.
ئاتا-ئانىلار ئۆينىڭ نوچىسىنى ئېلىشقا كۆڭۈل بۆلۈپ، ھەر مەھەللە ۋە ھەر رايوندا بالىلىرىنى ئەقىدە، ئەخلاق، پىكىر ۋە مىللىي كىملىك جەھەتتىن تەربىيەلەيدىغان مىللىي مەكتەپ/ مەركەزلەرنى قۇرماسلىقى، ئۇنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن كۈچىنىڭ يېتىشىچە ئىزچىل قوللىماسلىقى ۋە ئۇستازلارنى ھۆرمەتلىمەسلىكى… مىللەتنىڭ ئاڭ ساپاسىنىڭ قانچىلىك سەۋىيەدە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي