ھەرىكەت قىلىشتىكى ئەۋزەللىك چۈشەنچىسى
1. سۈپەت مىقدارنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ.
2. ئىش-ھەرىكەت باشلاشتىن بۇرۇن بىلىم-مەرىپەتلىك بولۇش ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ.
3. يادلاشتىن ئىلگىرى چۈشىنىش ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ.
4. سىرتقى كۆرۈنۈشتىن بەكرەك شەرىئەتنىڭ مەقسەتلىرى ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ.
5. يېڭىدىن يۈز بېرىۋاتقان ئىشلاردا ئىجتىھاد قىلىش تەقلىدچىلىكنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ.
6. ئاسانلاشتۇرۇش ۋە يەڭگىللىتىش تەسلەشتۈرۈش ۋە قىيىنلاشتۇرۇشنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ.
7. ۋاقتى قىس ئىشلار ۋاقتى كەڭرى ئىشلارنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ.
8. پايدىسى ئومۇمىي بولغان ئىشلار پايدىسى خاس بولغان ئىشلارنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ. (يەنى ئىجتىمائىي ئىبادەتلەر شەخسى ئىبادەتلەرنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ).
9. پەرز ئىبادەتلەر نەپلە ئىبادەتلەرنىڭ ئالدىدا، پەرز ئەينىلەر پەرز كۇپايىنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ.
10. بەندىلەرنىڭ ھوقۇقلىرى ئاللاھنىڭ خالىس ھوقۇقلىرىنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ، كوللېكتىپنىڭ ھەققى شەخسلەرنىڭ ھەققىنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ. چۈنكى ئاللاھنىڭ ھوقۇقلىرى كەڭچىلىك قىلىش ئۈستىگە قۇرۇلغان، بەندىلەرنىڭ ھوقۇقلىرى چىڭ تۇرۇش ئۈستىگە قۇرۇلغان.
11. تاجاۋۇزچى يېقىن دۈشمەن بىلەن جىھاد قىلىش باشقا دۈشمەننىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ: «سىلەرگە يېقىن بولغان كاپىرلار بىلەن جەڭ قىلىڭلار» (تەۋبە سۈرىسى، 123- ئايەت).
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي.