بالىغا ۋارقىراش تەربىيەدىكى خاتا ئۇسۇل
بەلكىم كۆپلىگەن ئاتا-ئانىلار بالىلارغا ۋارقىراپ يۇقىرى ئاۋازدا گەپ قىلىشنى تەربىيەلەشنىڭ ئۇسۇلى دەپ قاراپ قېلىشى مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە، بالىلارغا ۋارقىراپ گەپ قىلىش، ھاقارەت قىلىش ياكى خورلۇقنى ئىپادىلەيدىغان سۈپەتلەر بىلەن گەپ قىلىش تەربىيەدىكى خاتا ئۇسۇل بولۇپ، بالىلاردا تاجاۋۇزچىلىق ۋە قوپاللىقنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ ھەمدە ئاتا-ئانىسىنىڭ گېپىنى ئاڭلىمايدىغان بەڭباش قىلىپ قويىدۇ.
بۇ خاتا ئۇسۇل بالىلاردا ئەنسىرەش، پەرىشانلىق، ئۆزىنى تۆۋەن كۆرۈش، ئاتا-ئانا بىلەن مۇناسىۋىتىنىڭ بۇزۇلۇشى، بالىنىڭ ئوقۇش ھالىتىنىڭ ناچارلىشىشى، بالىنىڭ كۆڭلىدىكى گەپنى ئەركىن ئىپادىلىيەلمەسلىك ۋە باشقىلار بىلەن جېدەللىشىش قاتارلىق پىسخىكىلىق زىيانلارنى پەيدا قىلىدۇ.
ۋارقىراپ گەپ قىلىش ئۈچ تۈرلۈك بولىدۇ:
بىرىنچى، كەسكىن گەپ قىلغاندا يۈز بېرىدىغان ۋارقىراش:
بالىغا كەسكىن گەپ قىلغاندا ۋارقىراپ گەپ قىلىپ سېلىش ئاۋازنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ كېتىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ. ۋارقىراشنىڭ بۇ تۈرى بالىلاردا قورقۇنچ پەيدا قىلمايدۇ.
ئىككىنچى، ئاچچىقلاشتىن كېلىپ چىققان ۋارقىراش:
بەزى ئاتا-ئانىلار بىر ئىشقا ئاچچىقلىغانلىقىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن بالىلىرىغا ۋارقىراپ گەپ قىلىدۇ. بۇ خىل تۈردىكى ۋارقىراش كۆپ قېتىم يۈز بېرىپ قالسا بالىلاردا قورقۇنچ پەيدا قىلىدۇ. بالىلارغا ساغلىق، پىسخىكا ۋە ھېسسىيات جەھەتتىن سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدۇ.
ئۈچىنچى، پايدىلىق بولغان ۋارقىراش:
ئاتا-ئانىلار بۇ خىل تۈردىكى ۋارقىراپ گەپ قىلىشنى، بالا پىچاق ياكى چاقماققا ئوخشاش بىر نەرسىنى ئوينىغاندا، ياكى بالا كوچىدىن دىققەتسىز ئۆتمەكچى بولغاندا، ياكى بىرەر خەتەرگە دۇچ كېلىش ئېھتىمالى بولغاندا ئىشلىتىدۇ.
بالىلارغا ۋارقىراپ گەپ قىلىشنىڭ پىسخىكىلىق زىيانلىرى
بالىغا ۋارقىراپ گەپ قىلىشنىڭ پىسخىكىلىق ۋە ساغلىق جەھەتتىكى زىيانلىرى دەرھال كۆرۈنمەيدۇ. ئاتا-ئانا بالىنىڭ ئۆزى ياشاۋاتقان مۇھىتتىن چېكىنىش، ياكى ئەندىشە ھېس قىلىش، ئارزۇلىرىغا ئېرىشىشتىن ئۈمىدسىزلىنىش، ياكى قوپاللىق خاراكتېردىكى بىر قىسىم ئىستىللارنى پەيدا قىلىشقا… ئوخشاش بەزى تەسىرلەرنىڭ پەيدا بولغانلىقىنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە مۇلاھىزە قىلىشقا باشلايدۇ.
ۋارقىراپ گەپ قىلىشنىڭ بالىغا پىسخىكا جەھەتتىن كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان زىيانلىق تەرەپلىرىنى تۆۋەندىكىدەك يەكۈنلەش مۇمكىن:
1. ئەنسىزلىك ۋە بىئاراملىق،
2. كۆڭلى يېرىم بولۇش، ئامانلىق تۇيغۇسىنىڭ ئاجىزلاپ كېتىشى،
3. بالا بىلەن ئاتا-ئانا ئارىسىدىكى ئىشەنچىنىڭ ئاجىزلىشىپ ياكى يوقىلىپ كېتىشى،
4. ئۆزىنى تۆۋەن كۆرۈش،
5. ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى يوقىتىپ قويۇش،
6. قورقۇش ۋە يۇقىرى ئاۋازدىن چۆچۈپ كېتىش،
7. ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت قۇرالماسلىق ۋە قىيىن شارائىتلارنى توغرا ئىدارە قىلالماسلىق،
8. تاجاۋۇزچىلىق ۋە قوپاللىق قىلىش ئىستىلىنىڭ پەيدا بولۇشى،
9. ئاتا-ئانىغا بويسۇنماسلىق ۋە بەڭباشلىق قىلىش،
10. غەمكىنلىك ۋە چۈشكۈنلىشىش،
11. دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرەلمەسلىك،
12. باشقىلاردىن ئۆزىنى قاچۇرۇش، يالغۇزلۇقنى ياخشى كۆرۈش،
13. باش ئاغرىقى ۋە يۈرەكنىڭ تېز سېلىپ كېتىشى،
14. ئۇيقۇدىكى راھەتسىزلىك ۋە جىسمانىي ھارغىنلىق،
15. ۋارقىراشنىڭ تەسىرىدىن ئۆزىنىڭ خاتالىقىنى ئاڭقىرالماسلىق،
16. باشقىلارغا ۋارقىراپ گەپ قىلىشقا ئادەتلىنىپ قېلىش…قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.
بالىغا ۋارقىراشتىن توختاشقا ياردەم بېرىدىغان كۆرسەتمىلەر
بالىغا ۋارقىراپ گەپ قىلىش ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۈنۈمىنى يوقىتىدۇ، چۈنكى ۋارقىراش بالىلارنىڭ ئىستىلغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى تىنچ شەكىلدە قانداق ھەل قىلىش ماھارىتىنى ئۆگەتمەيدۇ. نەتىجىدە بالىنى قېرىندىشىغا ۋارقىراپ گەپ قىلىشقا، قېرىندىشىغا قوپاللىق قىلىشقا ۋە ئۇرۇپ گەپ ئاڭلىتىشقا ئادەتلەندۈرۈپ قويىدۇ.
بالىنىڭ خاتا قىلمىشىمنى ۋارقىرىماي گەپ قىلمايمۇ تۈزەتكىلى بولىدىغان كۆرسەتمىلەر تۆۋەندىكىچە:
1. دەسلەپتە بالىنىڭ سۆزىنى تولۇق ئاڭلاپ چىقىش:
كۆپلىگەن ئاتا-ئانىلار بالىنىڭ سۆزىنى تولۇق ئاخىرغىچە ئاڭلىماي تۇرۇپلا ھۆكۈم چىقىرىشقا ئالدىراپ خاتالىشىدۇ. بالا بەزىدە خاتا ئىشنىڭ خاتالىقىنى بىلمەي قىلىپ سالىدۇ. شۇڭا، ئۇنىڭ سۆزىنى تولۇق ئاڭلاش بالىنى پىسخىكا جەھەتتىن خاتىرجەم قىلىشقا ۋە خاتالىقىنى ھېس قىلدۇرۇشقا ياردەم بېرىدۇ ھەمدە بالىنىڭ راست سۆزلىشىگە تۈرتكە بولىدۇ.
2. ۋارقىراشنىڭ ئورنىغا جازالاش ئۇسۇلىنى قوللىنىش:
بالا خاتالاشقاندا، ۋارقىراشنىڭ ئورنىغا، مۇناسىپ جازا قوللانسا پايدىلىق بولىدۇ. مەسىلەن، بالىنى ياخشى كۆرىدىغان نەرسىدىن ۋاقتىنچە مەھرۇم قىلىش…قا ئوخشاش.
3. بالىغا خاتالىقىنى تۈزەتكىلى سېلىش:
بالا خاتا ئىش قىلغان بولسا، ئۇنىڭغا ۋارقىرىغاننىڭ ئورنىغا قىلغان خاتا ئىشىنى تۈزەتكىلى سالسا پايدىلىق بولىدۇ. مەسىلەن، بالا بىر كىشىگە ئەخلاقسىز سۆزلەرنى قىلىپ گەپ قىلغان بولسا، ئۆزرە ئېيتقۇزۇش، ياتىقى قالايمىقان بولسا قايتىدىن رەتلەتكۈزۈش…گە ئوخشاش.
4. ئىشنى چوڭايتىۋەتمەي ئاددىي مۇئامىلە قىلىش:
بەزى چاغلاردا بالىنىڭ خاتالىقى ئۇنىڭغا ۋارقىراپ گەپ قىلىشقا ياكى جازالاشقا ئەرزىمەيدۇ. بەزى ئىشلارنى بالىنى قورقۇتماي تۇرۇپمۇ قانائەتلەندۈرۈپ ھەل قىلغىلى بولىدۇ.
5. ئىشنىڭ ئاقىۋىتىنى ئالدىن بېكىتىپ قويۇش:
بالىغا چەكلەنگەن خاتا ئىشنىڭ، ياكى ئائىلىدىكى تۈزۈمنى بۇزۇشنىڭ كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاقىۋىتىنى بۇرۇنراق بىلدۈرۈپ قويۇش تەكرار خاتالىق سادىر قىلماسلىق ئۈچۈن مۇھىم.
مەسىلەن، خۇپتەن نامازدىن ئىلگىرى ئۆيدىكى مەجبۇرىيەتلىرىنى ياكى دەرسلىرىنى تۈگەتمىسە، ئاخشىمى تېلېۋىزور كۆرۈشكە ياكى تېلېفون ئويناشقا رۇخسەت قىلىنمايدۇ. بۇ ئۇسۇل بالىغا بىر قانچە تۈرلۈك تاللاش يولىنى ئېچىپ بېرىدۇ.
6. رىغبەتلەندۈرۈش ئۇسۇلىغا تايىنىش:
بالا ئائىلە تۈزۈمىگە رىئايە قىلمىغاندا جازاغا ئۇچرايدىغان بولسا، تۈزۈمگە رىئايە قىلغاندا رىغبەتلەندۈرۈش ۋە ئالقىشلاش ئۇسۇلىغا تايىنىش. مەسىلەن، مەن كېلىپ بولغۇچە دەرس ۋە ئائىلە ئىشلىرىدىن ئىبارەت مەجبۇرىيەتلىرىڭنى قىلىپ بولۇپسەن خۇرسەن بولدۇم، بۇ ھالىتىڭنى قەدىرلەشكە ئەرزىيدۇ، دېيىشكە ئوخشاش.
7. ۋارقىراشقا سەۋەب بولىدىغان ئامىللارنى قايتىدىن تەكشۈرۈش:
بالىغا ئاچچىقلاپ ۋارقىراپ سالىدىغان بولسىڭىز، ئۆزىڭىزنى بېسىۋېلىش ئۇسۇلىنى ئۆگىنىڭ. سىز ئاچچىقلاپ قالغاندا، بالىغا قۇرۇق تەھدىت قىلىپ ۋارقىراپ يۈرمەي بالىنىڭ خاتالىقىنى تۈزىتىش ئۈچۈن ئېنىق پىلان تۈزۈڭ.
بالىنىڭ بىرەر خاتا قىلمىشىغا ئاچچىقلاپ قالغىنىڭىز ۋە ۋارقىراپ گەپ قىلغانلىقىڭىزدا بۇ ئىشنى ۋارقىراپ گەپ قىلمايمۇ ھەل قىلغىلى بولامدۇ ياكى بولمامدۇ؟ دەپ ئويلىنىپ بېقىڭ.
8. بالا گەپ ئاڭلىمىغاندا، ۋارقىراشنىڭ ئورنىغا ئىشنىڭ ئاقىۋىتىدىن ئاگاھلاندۇرۇڭ. مەسىلەن، ئويۇنچۇقلىرىڭنى توپلىساڭ، ئاندىن خۇپتەندىن كېيىن ئوينىيالايسەن، تاپشۇرۇقلىرىڭنى تۈگىتىپ بولساڭ، ئاندىن توپ ئوينىيالايسەن…
9. بالىنىڭ ئىستىلىنىڭ سەۋەبىنى چۈشىنىشكە ۋە ئۇنىڭ ئەقلى بىلەن ئويلاپ بېقىشقا ئۇرۇنۇڭ:
بالىنىڭ ئىستىلنىڭ يامانلىشىش سەۋەبىنى چۈشىنىش مۇھىم، چۈنكى بالىنىڭ ئىستىلىنى چۈشەنمەي تۇرۇپ قاتتىق سۆزلەرنى ئىشلىتىش مەسىلىنى ھەل قىلالمايدۇ.
10. بالىنىڭ سەلبىي ھالىتىگە دەرھال ئالدىراپ ئىنكاس قايتۇرۇشتىن توختاڭ، ئاچچىقىڭىز پەسەيگەندە مۇناسىپ پەيتتە پاراڭلىشىش مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ يولىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي