زۇلۇمغا ئۇچرىغان مىللەت زالىم ھەم مەزلۇم مىللەتتۇر
بىر مىللەتنىڭ مۇستەملىكە ئاستىغا چۈشۈپ قېلىشىنىڭ سەۋەبى ئۇ مىللەتنىڭ ئەقىدىسىنىڭ ئاجىزلىشىپ كەتكەنلىكى، ئىدىيەسىنىڭ بۇزۇلغانلىقى، كىملىكنىڭ پارچىلىنىپ كەتكەنلىكى، غاپىللىقى، ئاڭسىزلىقى، مەسئۇلىيەتسىزلىكى، بۆلۈنۈشى،قورقۇنچاقلىقى ۋە خىيانەتتۇر.
زۇلۇمغا ياكى مۇستەملىكىگە ئۇچرىغان مىللەت ئۆزىدىن باشقىلارنى مالامەت قىلماسلىقى لازىم، چۈنكى زۇلۇمغا ئۇچرىغان مىللەت مەزلۇم ھەم زالىم مىللەتتۇر، يەنى ئۆزىگە ئۆزى زۇلۇم قىلغان، خىيانەت قىلغان ۋە بۆلۈنۈپ كەتكەن مىللەتتۇر.
ھۆرلۈكى، ھۆرمىتى، ئىززىتى، ئادالىتى، ئىنسانلىقى، مال مۈلۈكى، بىرلىكى، ۋەتىنى، دۆلىتى ۋە مەۋجۇتلۇقىنى قوغداشقا سەل قارىغان مىللەت ئۆزىگە ئۆزى زۇلۇم قىلغان مىللەتتۇر.
ئاللاھ : «بىز ئۇلارغا زۇلۇم قىلمىدۇق، ئۇلار ئۆزلىرىگە ئۆزلىرى زۇلۇم قىلغان» دەيدۇ (نەھل سۈرىسى ، 118- ئايەت).
ئاللاھ گۇناھلىرىمىزنى كەچۈرگەي، بىزنى مۇستەملىكىچى تاجاۋۇزچى زالىمدىن قۇتقۇزغاي، بىزگە ئېتىقادنىڭ جانلىق بولۇشى، ئىدىيەنىڭ ساغلام بولۇشى، ئىلىم-مەرىپەتنىڭ يۈكسەك بولۇشى ۋە ئىرادىنىڭ كۈچلۈك بولۇشى ئارقىلىق چىقىش يولى ئاتا قىلغاي، ئىلتىجا قىلىپ سوزۇلغان قوللىرىمىزنى قۇرۇق قول قايتۇرمىغاي.، باشقا سەۋەب-چارىلىرىمىزغا مۇۋەپپەقىيەت ئاتا قىلغاي.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي.