مەغلۇبىيەت نەدىن كېلىدۇ؟
مىللەت ماددىي مەنبەلىرىنىڭ ئازلىقىدىن مەغلۇپ بولمايدۇ، بەلكى كىملىك ۋە قىممەت قاراش چۈشەنچىسىنى يوقىتىپ قويغانلىقتىن، پىكىرى ياكى ئىدىيەسى ئاجىزلىشىپ ياكى بۇزۇلۇپ كەتكەنلىكتىن، نىشان- غايىسى پۈچەكلىشىپ كەتكەنلىكتىن، شەخسى مەنپەئەتى ئۈچۈن ئىجتىمائىي مەنپەئەتنى قۇربان قىلغانلقتىن مەغلۇبىيەتكە دۇچار بولىدۇ.
مىللەت كىملىك ۋە قىممەت قاراشنىڭ روشەنلىكى، پىكىرنىڭ ساغلاملىقى، نىشان – غايىنىڭ يۈكسەكلىكى، ئەخلاقلىقى، ئاڭلىق ۋە مەسئۇلىيەتچان بولۇشى… ئارقىلىق كۈچلىنىدۇ ھەمدە غەلىبە قىلىش يولىنى ئاچالايدۇ.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي.