قۇرئاننىڭ جەۋھىرى: ھىدايەت ۋە ئەمەل
قۇرئان كەرىمنىڭ نازىل قىلىنىشىدىكى تۈپ مەقسەت — ئۇنىڭ ھىدايەت نۇرى ۋە كۆرسەتمىلىرىنى ئەمەلىي ھاياتتا تەتبىقلاشتۇر.
قۇرئان كەرىمنى ئۆلچەملىك ئوقۇش ۋە تىلاۋەت قىلىش — ئۇنى ئەسلىي ھالىتىدە ھىمايە قىلغانلىق، شۇنداقلا ئۇنى چۈشىنىش ۋە ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىشنىڭ زۆرۈر مۇقەددىمىسىدۇر.
قۇرئاننى قائىدە-يوسۇن بىلەن تىلاۋەت قىلىش ۋە يادىلاش — ئۇنىڭ ئالىي مەقسەتلىرىگە يېتىشتىكى بىر ۋاسىتە.
قۇرئاننىڭ تۈپ مەقسەتلىرى ئايەتلەر ئۈستىدە تەپەككۇر يۈرگۈزۈش ۋە ئۇنىڭدىكى يوشۇرۇن ھىدايەت جەۋھەرلىرىنى تېپىپ چىقىش بىلەن نامايان بولىدۇ.
بىز قاچانكى قۇرئان ھىدايىتىنى ئۆز ھاياتىمىزنىڭ مىزانىغا ئايلاندۇرالىساق، ئەنە شۇ چاغدا قۇرئاننىڭ نازىل بولۇش مەقسىتىنى ھەقىقىي تۈردە ئىشقا ئاشۇرغان بولىمىز.
خۇلاسىلىگەندە، قۇرئاننى تەپەككۇر قىلىش، مېتود ئاساسىدا چۈشىنىش ۋە ئۇنىڭ كۆرسەتمىلىرىنى ھاياتقا تەتبىقلاش ھەر بىر مۆمىن ئۈچۈن پەرزدۇر.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي