قۇرئان كەرىمنىڭ كىرىزىس ۋە مۇسىبەتلەرنى تەھلىل قىلىشتىكى ئاساسلىق قارىشى — دىققەتنى تاشقى ئامىللارغا ئەمەس، بەلكى ئىچكى ئامىللارغا مەركەزلەشتۈرۈشتۇر. چۈنكى ئىچكى ئاساس كۈچلۈك بولسا، سىرتقى ئامىللارنىڭ زىيانلىق تەسىرى كۈچكە ئىگە بولالمايدۇ.
قۇرئاندىكى ئەمەلىيەتچىل يۆنىلىش بىزنى ئۆزگەرتىشكە قادىر بولالمايدىغان تاشقى شارائىتلار بىلەنلا ھەپىلىشىپ يۈرمەي، بەلكى تەسىر كۆرسىتىش ۋە ئۆزگەرتىش ئىمكانىيىتىمىز بولغان «ئۆزىمىزدىكى ئىللەت ۋە نوقسانلارغا» دىققەت قىلىشقا چاقىرىدۇ.
قۇرئان كەرىم كېسەلنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى كۆرسىتىپ بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئۇ ئۆزۈڭلارنىڭ سەۋەبىدىن (يەنى ئۆزۈڭلارنىڭ قىلغان كۆرسەتمىگە خىلاپلىق قىلىشىڭلاردىن) بولغان» (سۈرە ئال ئىمران، 165-ئايەت).
شۇڭا، مەسئۇلىيەتنى توختىماي شەيتانغا ياكى دۈشمەنگە ئارتىپ قويۇش مەسىلىنى تۈپتىن ھەل قىلالمايدۇ.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي