كىتابتا ئالاھىدە تەنقىد قىلىنغان «يېرىم-ياتا ئادەم» ياكى «ئۆزىنى ئالىم چاغلىغۇچى»نىڭ پاجىئەسى، جەمئىيىتىمىز ئۈچۈن ئەڭ خەتەرلىك مىكروبلارنىڭ بىرىدۇر.
ئىلىم – مەرىپەتنى جەمئىيەتنى قۇتقۇزۇش قورالى قىلىشنىڭ ئورنىغا، ئۇنى شەخسىي مەنپەئەت، ئابرۇي ياكى سىياسىي سەھنىگە چىقىش پەلەمپىيى قىلىۋالىدىغان يۈزەكى زىيالىيلار مىللەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئېغىر زەربە بېرىدۇ.
شەرقىي تۈركىستان ئازادلىق ھەرىكىتى — پەقەتلا بىر قانچە ئىلمىي ئاتالغۇلارنى يادلىۋېلىپ ئۆزىنى كۆرسىتىشكە ئۇرۇنىدىغان شەكىلۋازلارغا ئەمەس، بەلكى سەمىمىي، بىلىملىك، ۋىجدانلىق، ساغلام ئىدىيەلىك ۋە كەسىپ ئەھلى بولغان ھەقىقىي يېتەكچىلەر ۋە زىيالىيلارغا موھتاج.