پىتنە-پاسات زامانىدا مەزمۇت تۇرۇش ئۈچۈن
پىتنە-پاسات زامانىدا توغرا يولدا مەزمۇت تۇرۇش ئۈچۈن تۆۋەندىكىلەر لازىم:
- ئاللاھنىڭ ۋە پەيغەمبەرنىڭ يولىدىن ئايرىلماسلىق.
- قۇرئان-سۈننەتنى چۈشىنىش مېتودىدىن چەتنىمەسلىك.
- قۇرئان-سۈننەتنى چۈشىنىشتە كەسپىي ئالىملاردىن ياردەم ئېلىش.
- ئەقىدىنى جانلىق تۇتۇش.
- پىكىرنى ساغلام تۇتۇش.
- نەپسىنى پاكلاپ تۇرۇش.
- روھنى تىرىك تۇتۇش.
- پەرز ۋە سۈننەت نامازلارنى تولۇق ئادا قىلىش.
- كۈندە قۇرئان تىلاۋەت قىلىش ۋە پەيغەمبەر ھاياتىنى ئوقۇپ تۇرۇش.
- ساغلام دىندارلىقنى قوغداش ئۈچۈن ئاشقۇنلارنىڭ قاتتىقلىقىدىن ۋە بىپەرۋالارنىڭ سۇيۇقلۇقىدىن ساقلىنىش.
- ئېزىپ كەتمەسلىك ئۈچۈن توغرا يولنى تەمسىل قىلىدىغان ساغلام ۋە جانلىق ئۆلىمالارغا ئەگىشىش.
- خاتا يولغا كىرىپ قالماسلىق ئۈچۈن ئازغۇن ۋە خاتا ئېقىملاردىكى كىشىلەردىن يىراق تۇرۇش.
- ئىسلام ۋە ۋەتەن-مىللەت دۈشمەنلىرىنىڭ ئويۇنلىرىغا سەزگۈر بولۇش.
- ئاللاھنىڭ دوستلىرىنى دوست تۇتۇش، دۈشمەنلىرىنى دۈشمەن تۇتۇش.
- ئەقىدە ۋە ۋەتەن-مىللەت ئالدىدىكى شەخسىي ۋە كوللېكتىپ مەسئۇلىيەتنى ئۇنۇتماسلىق.
- ھەر زامان دۇئادىن ئايرىلماسلىق:
«ئى قەلبلەرنى ئۆزگەرتكۈچى زات! قەلبلىرىمىزنى دىنىڭ ئۈستىدە مۇستەھكەم قىلغىن، بىزگە توغرا يولنى ئىلھام قىلغىن، كىشىلەرگە مەرھەمەت قىلىش ۋە ھەق ئۈستىدە مۇستەھكەم تۇرۇشنى نېسىپ قىلغىن، بىزنى ئازغۇچى ياكى ئازدۇرغۇچى ئەمەس، بەلكى ھىدايەت تاپقۇچى ۋە باشقىلارنى ھىدايەتكە باشلىغۇچىلاردىن قىلغىن».
«پەرۋەردىگارىمىز! بىزنى ھىدايەت قىلغىنىڭدىن كېيىن قەلبلىرىمىزنى ئازدۇرۋەتمىگىن، بىزگە ئۆز تەرىپىڭدىن رەھمەت ئاتا قىلغىن، شەكسىزكى سەن كۆپ ئاتا قىلغۇچىدۇرسەن» (سۈرە ئال ئىمران، 8-ئايەت).
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي