كۈچلۈك ئائىلە قانداق بولىدۇ؟
كۈچلۈك ئائىلە دېگەن ئەر-ئايال ئوتتۇرىسىدا پىكىر ئوخشاشماسلىقى ياكى تالاش-تارتىش بولمايدىغان ئائىلە ئەمەس، بەلكى ئىختىلاپلارنى قانداق قىلىپ ئۆزئارا ھۆرمەت بىلەن بىر تەرەپ قىلىشنى بىلىدىغان ئائىلىدۇر.
كۈچلۈك ئائىلە دېگەن:
• ئوخشىمىغان پىكىرلەرنى ھۆرمەت ئىچىدە ۋە چىرايلىق ئۇسۇلدا ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
• بىر-بىرىگە چىن قۇلاق سالىدۇ.
• گەپ قىلغاندا ئېغىر-بېسىقلىق ۋە تۆۋەن ئاۋاز بىلەن سۆزلەيدۇ.
• بىر-بىرىنىڭ قارىشىغا ھۆرمەت قىلىدۇ.
• جېدەل-ماجىرا قىلىشنىڭ ئورنىغا ئورتاق چارە-تەدبىر ھەققىدە ئىزدىنىدۇ.
• ھەرقانداق ئەھۋالدا سۆيگۈ-مۇھەببەتنى ساقلاشقا تىرىشىدۇ.
چۈنكى، ئۆزئارا ھۆرمەت بار ئۆيدە سۆيگۈ-مۇھەببەت تولۇپ تاشىدۇ ھەمدە تۇرمۇش ئىناق بولىدۇ.
دېمەك، بەزى ئىشلاردا پىكىر ئوخشىماسلىقىنىڭ يۈز بېرىشى تۇرمۇشنىڭ بىر قىسمىدۇر. ئائىلىدە ھۆرمەت ئىچىدە ئۆزئارا ئىختىلاپ قىلىش ياكى ئوخشىمىغان پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويۇش مۇناسىۋەتلەرنى بۇزۇۋەتمەيدۇ، بەلكى ناچار مۇئامىلە بۇزۇۋېتىدۇ.
ئەر-ئايالنىڭ ھەربىرى ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىشتىن چەتنەپ، بىر-بىرىنىڭ كۆڭلىنى يارا قىلىدىغان، دىلنى سۇندۇرىدىغان رەھىمسىز سۆزلەرنى ئىشلىتىشى ياكى ئەرنىڭ ئايالىغا قول كۆتۈرۈشى ئائىلىنىڭ جېدەل-ماجىرادىن قۇرىماسلىقىغا، كۆڭۈلسىزلىكتىن قۇتۇلالماسلىقىغا ياكى ئاخىرىدا ئۆينىڭ بۇزۇلۇپ كېتىشىگە ئېلىپ بارىدۇ.
ئەر-ئايال شۇنى بىلىشى كېرەككى، ئۆزئارا بىر-بىرىنى ھۆرمەتلەيدىغان ئائىلىدە چوڭ بولغان بالىلار ئاچچىقلانغان ۋاقىتتىمۇ ھۆرمەت قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى ئۆگىنىدۇ ۋە چوڭ بولغاندىن كېيىنمۇ بۇ گۈزەل ئەخلاققا ئۆزىنىڭ بارلىق ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلىرىدە رىئايە قىلىدۇ.
شۇڭا، بالىلارغا ھۆرمەت ئىچىدە گەپ تالىشىپ قېلىشىنىڭ ئەر-ئاياللىق تۇرمۇشنىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ بىر-بىرىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىشنىڭ ئاساسى بولالايدىغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ سۆيگۈ-مۇھەببەتكە ھەرگىز تەسىر كۆرسەتمەيدىغانلىقىنى ئۆگىتىش ئىنتايىن مۇھىمدۇر.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي