بىز ۋە مىللىتىمىز
* ئۆلىمالاردا چوڭقۇر پىكىر، مەقاسىد چۈشەنچىسى ۋە مەسئۇلىيەت روھى،
* زىيالىيلاردا تىرىك ئىمان، ساغلام ئىدىيە ۋە ئۆتكۈر پىكىر،
* سىياسىيونلاردا سىياسىي ئاڭ، سىياسىي ئەخلاق، ھەمكارلىشىش روھىي ۋە مەنپەئەت- زىيان چۈشەنچىسى،
* تەشكىلات، جامائەتلەر ۋە ئېقىملاردا روشەن سىياسىي پىرىنسىپ ۋە ئېنىق تەشكىلى تۈزۈم،
* مىللىتىمىزدە جانلىق ئەقىدە، ساغلام پىكىر، بىلىم-مەرىپەت ۋە گۈزەل ئەخلاق،
* دىندارلىقتا سەمىمىيەت، ئاكتىپلىق ۋە مەسئۇلىيەتچانلىق،
* بايلاردا ئىنساب ۋە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى،
* مۇجاھىدلاردا ئوتتورھاللىق چۈشەنچىسى ۋە مىللىي كىملىك روھى،
* ئاۋام خەلقتە كىملىك، قىممەت قاراش، ئاڭ-سەۋىيە ۋە ئىناقلىق،
* ئاياللاردا ئىپپەت، ئاڭ ۋە مەسئۇلىيەت،
* ئەرلەردە غۇرۇر، ۋىجدان ۋە ئاڭ،
* غاپىللاردا ئويغاقلىق ۋە مەسئۇلىيەت،
* ئويغانغانلاردا ئىرادە ۋە ھەمكارلىق روھى،
* يازغۇچى ۋە قەلەمكەشلەردە نىشان- غايە، قىممەت قاراش ۋە پىرىنسىپ روھى،
* مەنمەنچىلەردە كىڭەش، كەمتەرلىك ۋە
ئۆتۈنۈش روھى،
* ئەربابلاردا ئۆزىنى قايتىدىن تەكشۈرۈش روھى،
* مىللىتىمىزدە مۇستەملىكىدىن قۇتۇلۇش ئىدىيەسى، مۇستەقىللىق روھى، بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىش چۈشەنچىسى ۋە ئىخلاس تېپىلسا، خارلىق ۋە مەھكۇملىقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈب داغدام يول ئېچىلغان بولاتتى.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي