ياشلارنىڭ تۇرمۇشىدىكى مەغلۇبىيەت ئاچقۇچلىرى
تۇرمۇشتا غەلىبە قىلىشنىڭ ئاچقۇچلىرى بولغىنىدەك، مەغلۇبىيەتنىڭمۇ ئۆزىگە خاس ئاچقۇچلىرى بار. مەغلۇبىيەت ئاچقۇچلىرىنى تونۇپ يېتىپ، ئۇلاردىن يىراق بولغان كىشى ھاياتىدا مۇۋەپپەقىيەت ۋە ئۇتۇقلارغا ئېرىشەلەيدۇ.
تۇرمۇشتا مەغلۇبىيەتكە ئېلىپ بارىدىغان ئاساسلىق سەۋەبلەر تۆۋەندىكىچە:
1. ۋاقىت ۋە تۇرمۇش تەرتىپىنىڭ بولماسلىقى: ۋاقىتنى، ئوقۇش-ئىشلىرىنى ۋە نەرسە-كېرەكلەرنى تەرتىپكە سالماسلىق ئادەمنى مەغلۇبىيەتكە باشلاپ بارىدۇ.
2. كېچىكتۈرۈش ئادىتى: ۋاقىتنى قەدىرلىمەسلىك، دەرسكە كېچىكىپ كېلىش، ئىشلارغا كۆڭۈل بۆلمەسلىك ۋە مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش.
3. باھانە ئىزدەش: ئىنسان قىلغان ئىش-ھەرىكەتلىرىنىڭ، ئېيتقان سۆزلىرىنىڭ ۋە سەل قاراپ ئۆتكۈزۈۋەتكەن ۋاقىتلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشى لازىم. چۈنكى ھېچكىم باھانە ئاڭلاشنى خالىمايدۇ. شۇڭا باھانە كۆرسىتىپ يۈرمەي، ئۇنىڭ ئورنىغا تەپەككۇر قىلىپ ھەل قىلىش چارىسىنى تېپىپ چىقىش كېرەك.
4. سالامەتلىككە سەل قاراش: ئەتىگەندە ناشتا قىلماسلىق، ئېھتىياجدىن ئارتۇق تاماق يېيىش، بەدەن چېنىقتۇرماسلىق، ئاخشاملىرى ۋاقتىدا ياتماسلىق ۋە يېتەرلىك ئۇخلىماسلىق.
5. مۇھىم ئىشلارنى بىرىنچى ئورۇنغا قويماسلىق: ناماز، قۇرئان، ئەخلاق، دەرس، خىزمەت، ئويۇن، چېنىقىش ۋە ساياھەت قاتارلىق ئىشلارنىڭ مۇھىملىق دەرىجىسىگە قاراپ توغرا مۇئامىلە قىلماسلىق.
6. قىيىنچىلىقلارغا بەرداشلىق بېرەلمەسلىك: ئوقۇش ياكى تۇرمۇش يولىدا قىيىنچىلىققا يولۇققاندا ئاسانلا بەل قويۇۋېتىش، دەرس ياكى خىزمەت ئازراق قىيىنلاشقاندا بەرداشلىق بېرەلمەي ۋاز كېچىش.
7. ۋاقىتنى زايە قىلىش: تېلېفوننى كۆپ ئويناش، تېلېۋىزورنى كۆپ كۆرۈش ياكى ئىنتېرنېت دۇنياسىدا بىكار ئايلىنىش بىلەن ۋاقىتنى زايە قىلىۋېتىش.
ئەسلىدە ياشلار ۋە ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن تېلېفون ياكى ئويۇن — دەرسلەر ۋە ئىشلار تولۇق تۈگىگەندىن كېيىن، كۈنىگە بىرەر سائەتلا ئاجرىتىدىغان بولۇشى كېرەك.
8. ئىشلارنى ئارقىغا سۈرۈش: ناماز، ئوقۇش، ئۆي ئىشلىرى ۋە باشقا مەسئۇلىيەتلەرنى كېچىكتۈرۈش مەغلۇبىيەتنىڭ ئاچقۇچىدۇر. شۇڭا ياشلار قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى ۋاقتىدا قىلىشى، كېچىكتۈرۈشكە باھانە ئىزدىمەسلىكى لازىم. پۇرسەت، ئىمكانىيەت ۋە ياشلىق باھارى بار چاغدا ئىشلارنى ئۆز ۋاقتىدا قىلىۋېلىش غەلىبىنىڭ ئاچقۇچىدۇر.
9. ھۇرۇنلۇق قىلىش: ئۇزۇن مۇددەتلىك ھۇرۇنلۇق مەغلۇبىيەتنىڭ ئاساسلىق سەۋەبىدۇر. ئوقۇيدىغان ياشتا ئوقۇماي، ئىشلەيدىغان چاغدا ئىشلىمەي، مۇھىم ئىشلارنى ئارقىغا سۆرەپ ھۇرۇنلۇق قىلىش ۋە بىكار ۋاقىت ئۆتكۈزۈش — مەغلۇپ بولۇشنىڭ ئەڭ چوڭ ئاچقۇچى.
10. مەغلۇپ بولغان ياشلار بىلەن دوست بولۇش: ئوقۇشتا ۋە ھاياتتا نەتىجە قازانماقچى بولغان ياشلار نەتىجىلىك، ئاڭ-سەۋىيەسى يۇقىرى، ئىبادەتلىرى ۋە ئەخلاقى جايىدا بولغان ياشلارنى دوست تۇتىدۇ. ئەكسىنچە، ئوقۇشتا مەغلۇپ بولغان، ئىبادەتتە پاسسىپ، ئەخلاقى ناچار ۋە بىكارچى كىشىلەرنى دوست تۇتقان ياشلار تۇرمۇشىدا مەغلۇبىيەتكە يۈزلىنىدۇ.
11. مەغلۇبىيەتتىن قورقۇش: ئوقۇش ياكى بىرەر ئىشتا مەغلۇپ بولۇشتىن ئەنسىرەش كىشىنى مەغلۇبىيەتكە باشلايدۇ. مەغلۇبىيەتتىن قورقماي تەكرار ئۇرۇنۇش — غەلىبىنىڭ ئاچقۇچىدۇر.
12. روھىي ھالەتكە سەل قاراش: ئىماننى كۈچەيتىش، قەلبنى پاكلاش، ئەخلاقنى تۈزىتىش، ئەقىلنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ناچار ئادەتلەرنى تاشلاشقا سەل قاراش مەغلۇبىيەتنىڭ ئاچقۇچىدۇر. روھىي دۇنياسىنى پاك ۋە كۈچلۈك تۇتمىغان كىشى تۇرمۇشتا مەغلۇپ بولىدۇ.
13. ئۆز ئىرادىسى ۋە ئىقتىدارىغا ئىشەنمەسلىك: ئىنسان ئۆزىنىڭ نىشان-مەقسەتلىرىنى ئىشقا ئاشۇرالايدىغانلىقىغا ئىشەنمىسە مەغلۇپ بولىدۇ. شۇڭا ئىرادە قىلغان ئىشنى قىلالايدىغانلىقىغا جەزم قىلىش، جىددىي قاراش، تىرىشىپ ئۆگىنىش ۋە ئاسان بەل قويۇۋەتمەسلىك كېرەك.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي