ئىسلامدا ياۋروپا قىتئەسىدە يۈز بەرگەن:
مەزھەبلەر ئارىسىدىكى دىنى ئۇرۇشلار،
ئىلىم مەرىپەت بىلەن دىننىڭ توقۇنۇشى،
ئەقىل بىلەن ۋەھىي (نەقىل) توقۇنۇشى،
پوپلارنىڭ ئىلاھىي ھەق نەزەرىيەسى بويىچە ھۆكۈم قىلىپ، كۆزقارىشىنى مۇقەددەسلەشتۈرۈشى،
خىرستىيان مەزھەپلىرى ئارىسىدىكى بىر- بىرىنى كاپىرغا چىقىرىپ ئۇرۇشىدىغان دىني توقۇنۇش،
پوپلىرى بىلەن تەبىيى پەن ئالىملىرىنڭ توقۇنۇشى… قاتارلىق مەسىلىلەر مەۋجۇت ئەمەس.
بۇ قىيىنچىلىقلار ياۋروپانىڭ مۇھىتىدا يۈز بەرگەن قىيىنچىلىقلار ئىدى. ئۇلار يۇرتلىرىدىكى بۇ قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىش ئۈچۈن سىكۇلارىزم يولىنى قوللانغان.
ئەمما مۇسۇلمانلارنىڭ قىيىنچلىقلىرى غەرب دۇنياسىدا يۈز بەرگەن قىيىنچىلىقلارغا تۈپتىن ئوخشىمايدۇ.
مۇسۇلمانلارنىڭ قىيىنچىلىقى مۇستەملىكىگە دۇچ كېلىش، سىياسىي مۇستەبىتلىك، سىياسىي ئاڭسىزلىق، دىنىنى ئەسلى مەنبەسىدىن ساغلام چۈشەنمەسلىك، دىنى بۇيرۇغاندەك ئىلىم پەنگە ئاتلانماسلىق، دىنى بۇيرۇغاندەك ئەقىل بىلەن ۋەھىينى تەڭ تۇتۇپ ماڭماسلىق، دىنىنىڭ پىرىنسىپلىرىغا سەمىمى ئەمەل قىلماسلىق، ھاكىملىرىنىڭ مۇستەبتىلىكى ۋە سىكۇلارىزملىقى سەۋەبلىك ھاكىملار بىلەن خەلقنىڭ قىممەت قاراشلىرىدىكى پەرقلەر قاتارلىقلار…
دېمەك، باشقا دىننىڭ، باشقا مەدەنىيەتنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى ئىسلام دۇنياسىنىڭ قىيىنچىلىقلىرىغا قىياس قىلىش تۈپتىن خاتالىق ھېسابلىنىدۇ.
ھەر مەدەنىيەتنىڭ قىيىنچىلىقىنى ئۆز تەۋەسىدە ئۆز كىملىكى ۋە قىممەت قاراشلىرى ئاساسىدا ھەل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.
ئەمما غەرب دۇنياسىنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى ئەقىدىمىزنىڭ ئاساسلىرى ۋە قىممەت قارىشىمىزنىڭ تەقەززاسىغا زىت كەلمىسىلا پايدىلنىشقا ھەر دائىم ئىشىك ئوچۇق.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي.