بالىلارنىڭ خاتا يوللارغا كىرىپ قېلىشنىڭ سەۋەبلىرى
بەزى ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنىڭ بۇزۇلۇپ كېتىۋاتقانلىقىنى، گۇناھ ئىشلارغا كىرىپ قېلىۋاتقانلىقىنى، توغرا يولدىن بۇرۇلۇپ كېتىۋاتقانلىقىنى، ئاتا-ئانىسىغا ئىتائەت قىلمايۋاتقانلىقىنى، ئەخلاقتىن چەتنەۋاتقانلىقىنى، ئاتا-ئانىلارنىڭ گۈزەل ئەخلاقىنى رەت قىلىۋاتقانلىقىنى شىكايەت قىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە، بالىلارنىڭ بۇزۇلۇپ كېتىشىگە سەۋەب بولۇۋاتقان بىرقانچە ئامىللار بار. ئۇ سەۋەبلەرنىڭ مۇھىملىرى تۆۋەندىكىچە:
1.بالىلارغا بەك پىخسىقلىق قىلىش:
ئاتا-ئانىلار بالىلىرىغا بەك پىخسىقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلغاندا، بالىلار مەقسەتلىرىگە ئاسان يول بىلەن يېتىش ئۈچۈن ئوغرىلىق قىلىش، تاجاۋۇز قىلىش دېگەندەك خاتا ئۇسۇللار ئارقىلىق باشقىلارنى دوراپ بېقىشقا سەۋەبچى بولىدۇ.
2. ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلارنىڭ ئالدىدا جېدەل-ماجىرا قىلىشى:
ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلار ئالدىدا جېدەل ماجىرا قىلىشى، ياكى بىر-بىرىگە ھۆرمەتسىزلىك قىلىشى ياكى بىر-بىرىگە ۋارقىرىشى بالىلارنى گەپ ئاڭلىماس قىلىپ قويىدۇ.
3. بوش ۋاقىت:
بالىلارنىڭ بوش ۋاقىتلىرى پايدىلىق ئىلىم مەرىپەت، ھەرخىل پايدىلىق كۇرس ۋە ھۈنەر كەسىپ بىلەن تولدۇرۇلمىسا، بالىلارنىڭ ئېزىپ كېتىشىگە سەۋەب بولىدىغان ئەڭ مۇھىم ئامىل ھېسابلىنىدۇ. بالىلارنىڭ ۋاقتى بوش قالسا، ئويۇن ۋە ئاداش ئىزدەشكە باشلايدۇ.
ئەلۋەتتە، بالىلارنىڭ ئوينىغۇسى كېلىدۇ. ئەگەر ئۇنىڭغا مۇناسىپ ۋاقىتتا توغرا ئويۇن پۇرسىتى بېرىلمىسە، باشقا چارە ئىزدەشكە باشلايدۇ. ياخشى ئاداشلار بىلەن توغرا ئويۇن ئويناشقا رۇخسەت بېرىلمىسە ، ناچار ئاداشلارنى تېپىپ، ئۇلار بىلەن خاتا ئويۇنلارنى ئىزدەيدۇ.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بالىلارنىڭ ۋاقتىنى بوش قويماسلىق توغرىسىدا: «بەش ئىشتىن ئىلگىرى بەش ئىشنى غەنىيمەت بىلگىن: قېرىشتىن ئىلگىرى ياش ۋاقتىڭنى، كېسەل بولۇشتىن ئىلگىرى ساق ۋاقتىڭنى، كەمبەغەل بولۇپ قېلىشتىن ئىلگىرى قولۇڭدا بار ۋاقتىڭنى، ئالدىراش بولۇشتىن ئىلگىرى بوش ۋاقتىڭنى، ئۆلۈمدىن ئىلگىرى ھايات ۋاقتىڭنى غەنىيمەت بىلگىن» دەيدۇ (بۇخارى بايان قىلغان).
4. يامان دوستلار:
يامان دوستلار بالىلارنىڭ ئەخلاقىنىڭ بۇزۇلۇپ كېتىشىدىكى ئەڭ خەتەرلىك ئامىل ھېسابلىنىدۇ. ئاتا-ئانا بولغۇچى بالىلىرىنى يامان دوستلىرى بىلەن ئويناشقا تاشلاپ قويسا، بۇنىڭ ئېغىر مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. شۇڭا، ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرىغا ياخشى دوستلارنى تاللاپ بېرىش مەسئۇلىيىتى بار.
ئاللاھ قۇرئاندا يامان دوستلاردىن ئاگاھلاندۇرۇپ: «ئاشۇ كۈندە تەقۋا كىشىلەردىن باشقىسى بىر-بىرىگە دۈشمەن بولىدۇ» دەيدۇ (زوخرۇف سۈرىسى، 67 – ئايەت).
ئاللاھ بۇ ئايەتتە دۇنيادىكى بارلىق دوستلۇقنىڭ ھەممىسى قىيامەت كۈنىدە دۈشمەنلىككە ئۆزگىرىدۇ، لېكىن ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن، ياكى ئاللاھ يولىدا بولغان دوستلۇق دۇنيادا ۋە ئاخىرەتتە داۋاملىشىدۇ، دەيدۇ.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «مۆمىن ئادەمدىن باشقىسى بىلەن ھەمراھ بولمىغىن» دەيدۇ (ئەبۇداۋۇد بايانى).
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە: «ياخشى دوست بىلەن يامان دوستنىڭ مىسالى ئىپار ساتقۇچى كىشى بىلەن تۆمۈرچىنىڭ كۈيىگە ئوخشايدۇ. ئىپار ساتقۇچى يا سىزگە ئىپار ھەدىيە قىلىدۇ ياكى گۈزەل پۇرىقىغا ئېرىشىسىز. ئەمما تۆمۈرچىنىڭ كۈيكى بولسا بەدىنىڭىزنى ياكى كىيمىڭىزنى كۆيدۈرۈۋېتىدۇ ياكى ئۇنىڭدىن سېسىق پۇراق ھېس قىلىپ بىئارام بولىسىز» دەيدۇ (بۇخارى بايانى).
بەزىدە ئاتا-ئانا مەقسەتلىك ياكى مەقسەتسىز ھالدا بالىغا يامان مۇئامىلە قىلىپ سالىدۇ. بەزىدە قوپال مۇئامىلە قىلىپ سالىدۇ، بەزىدە مەسخىرە قىلىپ قالىدۇ، بەزىدە كۆزگە ئىلمايدىغان گەپنى قىلىپ سالىدۇ. بالىلارغا مۇنداق مۇئامىلە قىلىشنىڭ بالىنىڭ پىسخىكىسىغا، ئىستىلىغا ۋە يۈرۈش تۇرۇشىغا يامان تەسىرى بولىدۇ. بەزىدە بالا قايتارما ئىنكاس قايتۇرۇپ قالسا يامان ئاقىۋەت پەيدا قىلىدۇ.
شۇڭا، ئىسلام دىنىمىز ئاتا-ئانىلارنى ئەخلاقلىق بولۇشقا، بالىلارغا كۆيۈنۈپ سىلىق مۇئامىلە قىلىشقا چاقىرىدۇ. شۇنداق بولغاندا بالىلار توغرا يولدا چوڭ بولىدۇ، جۈرئەتلىك بولىدۇ ۋە شەخسىيىتى مۇستەقىل بولۇپ يېتىلىدۇ ھەمدە ئاتا-ئانىسىنىڭ نەزىرىدە ھۆرمىتىنى ھېس قىلىدۇ.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي