ئايال كىشى ئاچچىقلاپ قالغاندا، قانداق قىلىش كېرەك؟
ئەر-ئاياللىق ھاياتىدا ئاچچىقلىنىش يۈرەككە، مېڭىگە، كۆڭۈلگە، ھېسسىياتقا، تۇيغۇغا، بالىلار تەربىيەسىگە، ئائىلىنىڭ راھىتىگە ۋە ھەرتۈرلۈك مۇناسىۋەتكە زىيان ئېلىپ كېلىدۇ. بۇ سەۋەبتىن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ماڭا تەۋسىيە قىلغان بولسىلا دەپ كەلگەن ئادەمگە: «ئاچچىقلانما، ئاچچىقلانما، ئاچچىقلانما» دەپ تەۋسىيە قىلغان (بۇخارى بايان قىلغان).
شۇڭا، ئەر كىشى بولسۇن ياكى ئايال بولسۇن ئامال بار ئاچچىقلىنىشتىن ۋە ئاچچىقلىنىشقا سەۋەب بولىدىغان ئىشلاردىن ساقلىنىشى لازىم.
ئەر-ئاياللىق ھاياتى ئۆمۈرلۈك ھايات بولغاچقا بەزىدە ئۇقۇشماسلىق، چۈشىنىشمەسلىك، ئالدىراڭغۇلۇق، بىرسىنى ھۆرمەتلىمەسلىك، ۋەدە قىلغىنىنى قىلىپ بەرمەسلىك، يالغانچىلىق، رەنجىپ قېلىش، كۆڭلىنى چۈشەنمەسلىك، گۇمانخورلۇق، بالىلارنىڭ خاپا سېلىشى… دېگەندەك ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلى تالاش – تارتىشقا سەۋەب بولىدىغان بەزىبىر قىيىنچىلىقلاردىن خالىي بولمايدۇ.
تالاش – تارتىشقا ئېلىپ بارىدىغان بۇ ئامىللارنىڭ بىرسى سەۋەبلىك ئايال كىشى ئاچچىقلاپ قالغاندا، ئۇنىڭ بىلەن جېدەللەشمەسلىك، گېپىنى بۆلمەي كۆڭلىدىكى گەپنىڭ ھەممىسىنى دېگىلى قويۇش ۋە گەپنىڭ ئاخىرىنى ئاڭلىماي تۇرۇپ ھۆكۈم چىقارماسلىق لازىم، چۈنكى ئايال كىشى ئاچچىقلاپ قالغاندا كىچىك بالىغا ئوخشاپ قالىدۇ، كىچىك بالا ئاچچىقلاپ قالسا، كۆيۈنۈش، بېشىنى سىلاپ قۇچاقلاپ قويۇش ۋە ئاددىي نەرسىلەر بىلەن رازى قىلىشقا موھتاج بولىدۇ.
ئايال كىشى قايغۇرغاندا، ئەقلىگە ئەمەس قەلبىگە خىتاب قىلىشقا، گەپ قىلىشقا ئەمەس ئاڭلاپ بېرىشكە، خاپۇلاشقا ئەمەس كۆڭلىنى ئېلىشقا، چېچىلىشقا ئەمەس ئېغىر بېسىق بولۇشقا موھتاج بولىدۇ.
شۇڭا، ئايالىڭىز ئاچچىقلاپ قالغاندا، تېخىمۇ ئاچچىقىنى كەلتۈرىدىغان سۆزلەرنى قىلماستىن ياكى سىلكىمەستىن ياكى قول تەگكۈزمەستىن، بېشىنى سىلاپ قۇچاقلاپ قويۇش ئارقىلىق پەسەيتىشكە تېرىشىڭ. گەپ تالىشىش نەتىجىسىدە تالاش -تارتىش ئەۋج ئالىدىغان ۋەزىيەت شەكىللەنسە، ھەر ئىككى تەرەپ ئۆزىنى بېسىۋېلىشى ۋە ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئاچچىقى پەسەيگەنگە قەدەر ئەر كىشى تېخىمۇ ئەزۋەيلەشنىڭ ئورنىغا سىرتقا بىرقانچە سائەت چىقىپ كەتكىنى ياخشى.
ئايالىڭىزنىڭ يىغلاۋاتقانلىقىنى كۆرسىڭىز پېشانىسىگە سۆيۈپ قويۇش، يېنىڭىزدا مەن بار، سىزنى ياخشى كۆرىمەن… دېگەندەك تاتلىق سۆزلەر ئارقىلىق يىغىسىنى پەسەيتىش مۇمكىن.
ئايالىڭىز قاتتىق چېچىلىپ قالغاندا، سىزمۇ تەڭ چېچىلماي كەتمەي ئۇنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭىزنى، ئۇنىڭ ھەممىدىن چىرايلىق ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ كۆڭلىنى ئېلىڭ.
لېكىن ئايالىڭىزغا سېنى ياقتۇرمايمەن ياكى سېنى ياخشى كۆرمەيمەن ياكى ئاناڭ مانداق، داداڭ ئانداق… دېگەندەك ھاقارەتلەيدىغان ۋە كەمسىتىدىغان سۆزلەرنى ئىشلەتسىڭىز، ئايال كىشىنىڭ كۆڭلى سۇنىدۇ، سىزدىن يىراقلىشىشقا باشلايدۇ ۋە ئاجرىشىدىغان ئەھۋالغا سۆرەپ بارىدۇ.
شۇنى بىلىش كېرەككى، ئاياللار خۇرسەن بولغاندا گەپ قىلىشتىن توختىمايدۇ، قايغۇرغاندا ھېچقانداق گەپ قىلمايدۇ، ئاچچىقى كېلىپ قالغاندا سۆزلىرىنى ساناپ بولغىلى بولمايدۇ.
ئاياللارمۇ شۇنى بىلىشى كېرەككى، ئاياللار ئاچچىقلاپ قالغاندا، گۈزەللىكىنىڭ بىر قىسمىنى، نازۇكلىقىنىڭ يېرىمىنى، ئائىلىنىڭ ھۇزۇرىنى يوقىتىپ قويىدۇ. شۇڭا، ئاياللارمۇ ئامال بار ئاچچىقلاپ كەتمەسلىكى، بىشەملىك قىلماسلىقى، ئەرنىڭ ئاچچىقى كېلىدىغان گەپ سۆزلەرنى قىلماسلىقى، ئىرىگە چوڭچىلىق قىلماسلىقى، تۇرمۇشىنى ۋە بالىۋاقىلىرىنى ئويلىشى، ئاچچىقلاشقا سەۋەب بولىدىغان ئامىللاردىن ساقلىنىشى ۋە كىچىك ئىشلارغا ئورۇنسىز ئاچچىقلاپ ئىشنى چوڭايتىپ جېدەل پەيدا قىلىشتىن ساقلىنىشى ۋە ئاللاھتىن قورقۇشى لازىم.
ئاخىردا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «ئاچچىقلىنىش شەيتاندىندۇر، سىلەردىن بىرىڭلار ئاچچىقلاپ قالسا، تاھارەت ئېلىۋەتسۇن» دەپ غەزەپلىنىشتىن ئىبارەت شەيتاننىڭ ئوتىنى تاھارەت بىلەن ئۆچۈرسۇن دېگەن سۆزىنى ئەسلىتىمىز (ئىمام ئەبۇداۋۇد بايان قىلغان).
ئاچچىقىنى پەسەيتىشكە ياردەم بېرىدىغان بەزى ئۇسۇل- چارىلەر:
شەيتاندىن پاناھ تىلەش،
تاھارەت ئېلىش،
چوڭقۇر نەپەس ئېلىش،
ئۆرە تۇرغان بولسا ئولتۇرۇۋېلىش، ئولتۇرغان بولسا يېتىۋېلىش،
بىر ئاز ھەرىكەتلىنىش،
تاتلىق سۆزلەرنى قىلىش ۋە ئاڭلاش،
بىر ئاز يالغۇز قېلىش… قاتارلىقلار.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي.