بالىلىرىڭىزغا قارىغاندىن بەكرەك تېلېفونغا قارىسىڭىز!
ئەگەر سىز بالىلىرىڭىزغا قارىغاندىن بەكرەك تېلېفونغا قارايدىغان بولسىڭىز:
بالىلىرىڭىزنىڭ ئىستىلىنىڭ بۇزۇلۇشىدىن شىكايەت قىلىش قىلماڭ،
بالىلىرىڭىزنى ئىبادەتكە سەل قارىدى دەپ شىكايەت قىلماڭ.
بالىلىرىڭىزنى دەرستىن چېكىنىپ كەتتى دەپ شىكايەت قىلماڭ،
بالىلىرىڭىزنى تېلېفون ۋە ئېكرانغا خۇمار بولۇپ قالدى دەپ شىكايەت قىلماڭ،
بالىلىرىڭىزنى گەپ ئاڭلىمايدىغان، ھۇرۇن، مەسئۇلىيەتسىز ۋە تېز ئاچچىقلايدىغان بولۇپ قالدى دەپ شىكايەت قىلماڭ،
چۈنكى بۇ كۈنلەردە ئاتا-ئانىنىڭ تېلېفونغا بولغان خۇمارلىقى بالىلارنىڭ خۇمارلىقىدىن ئېشىپ كەتمەكتە. بۇ سەۋەبتىن، ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلارغا تەربىيە بېرىش ۋە ئۈلگە بولۇش پۇرسىتى قولدىن كېتىپ، ئاتا-ئانا بىلەن بالىلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت يىرىكلەشمەكتە.
قەدىرلىك ئاتا-ئانىلار! تېلېفون، ئايپەد، كومپيۇتېر ۋە باشقا ئېكرانلىق نەرسىلەرنى كۆپ قوللىنىش چوڭلارغا ۋە كىچىكلەرگە ئوخشاشلا ئۇيقۇسىزلىق، پەرىشان بولۇش، چېچىلاڭغۇلۇق، قايغۇرۇش ۋە مېڭە ئاغرىش… قاتارلىق ئىللەتلەرگە سەۋەب بولىدۇ. بولۇپمۇ كىچىكلەرگە ۋە ياش بالىلارنىڭ بەدىنىگە، يۈرىكىگە، ئەقلىگە، ئەخلاقىغا، ئەقىدىسىگە، ئائىلىسى بىلەن مۇناسىۋىتىگە ئېغىر دەرىجىدە زىيان ئېلىپ كېلىدۇ.
دۇنيادىكى چوڭ تەتقىقاتچىلار تېلېفون ۋە باشقا ئېكرانلىق نەرسىلەرنى ئىشلىتىشتە ۋاقىت بەلگىلەشنىڭ مۇھىملىقىنى تەۋسىيە قىلماقتا. ئامېرىكىدىكى بالىلار دوختۇرخانىسىغا تەۋە بىر تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئېكرانلىق ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلىتىش تەۋسىيەسى تۆۋەندىكىدەك ئىكەن:
| ياش | مۇددەت | تېلېۋىزور | ئەقىللىق ئېكران | ۋىدىيو ئويۇنلىرى |
| 0-2 | رۇخسەت يوق | رۇخسەت يوق | رۇخسەت يوق | رۇخسەت يوق |
| 3-5 | كۈندە بىر سائەت | رۇخسەت بار | رۇخسەت يوق | رۇخسەت يوق |
| 6-13 | كۈندە ئىككى سائەت | رۇخسەت بار | رۇخسەت يوق | رۇخسەت يوق |
| 14-18 | كۈندە ئىككى سائەت | رۇخسەت بار | رۇخسەت بار | كۈندە يېرىم سائەت |
مانا بۇ ئامېرىكىدىكى تەتقىقات مەركەزلىرىنىڭ تەۋسىيەسى. بالىلارغا رۇخسەت بېرىلىدىغان بولسا بۇ بەلگىلىمىدىن ئاشۇرۇپ رۇخسەت بەرمەسلىك كېرەك. ئامال بار ۋاقىتنى بۇنىڭدىنمۇ ئازايتىش ۋە يىل چەكلىمىسىنى ئارقىغا سۈرۈش ئىنتايىن مۇھىم.
بۇ يەردىكى ئەڭ مۇھىم مەسىلە شۇكى، ياش ئۆلچىمىگە توشقان بالىلار تېلېفون، ئايپەد ۋە كومپيۇتېر قوللىنىدىغان بولسا، كۆرۈۋاتقان ۋە ئاڭلاۋاتقان نەرسىلىرىنىڭ ھالال بولۇشىنى تەكىتلەش، كۆرۈۋاتقان ياكى ئاڭلاۋاتقان نەرسىلىرىنىڭ مەزمۇنىغا دىققەت قىلىش ۋە توغرا نەرسىلەرنى كۆرۈشنى شەرت قىلىپ تۇرۇپ رۇخسەت قىلىش لازىم. بۇ ئىشقا سەل قارىغاندا، بۇ نەرسىلەر بالىلارنى بىر قانچە ئايدا بۇزۇپ بولىدۇ.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي