ئىنژېنېرلىق، دوختۇرلۇق، يېزا ئىگىلىك، سانائەت، تۈرلۈك ھۈنەر كەسىپ ۋە تۇرمۇش سەۋەبلىرى ئىسلام ئاساسلىرىنىڭ قاتارىدىن ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى بۇ بىلىملەر ھەدىس شەرىپ تەشەببۇس قىلغان ئېھسان دائىرىسىگە كىرىپ كېتىدۇ.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ ھەدىستە: «ئېھسان دېگەن ئاللاھنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتقاندەك ئىبادەت قىلىشتۇر. گەرچە سەن ئاللاھنى كۆرمىسەڭمۇ، ئۇ سېنى كۆرۈپ تۇرىدۇ» دېگەن (بۇخارى بايان قىلغان).
چۈنكى دىنىي پائالىيەتنىڭ مەركىزى نۇقتىسى ۋە ئىلاھىي كۆرسەتمىلەرنىڭ تەقەززاسى بولغان ئىنساننىڭ تۇرمۇش ئىشلىرى جايىدا ئورۇنلاشتۇرۇلمىسا، ئۇنىڭ ھاياتى مۇقىم بولمايدۇ ھەم تۇرمۇشىمۇ توغرا شەكىلدە داۋاملاشمايدۇ.
(مۇتەپەككۇر ئالىم مۇھەممەد غەزالىنىڭ سۆزى).
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي.