ھەدىس ئۇسۇلىدا راۋى ۋە رىجال تەنقىدىنىڭ دىنىي ئاساسلىرى
ئاساسى مەزمۇن
بىز بۇ ماقالىدە تىلىمىزدا كۆپىنچە سەلبىي مەنىدە ئىشلىتىلىۋاتقان «تەنقىد» سۆزىنىڭ ھەدىس ئۇسۇلىدىكى ئىشلىتىلىشى بولغان «رىجال تەنقىدى (ھەدىس راۋىلىرىنى تەنقىد قىلىش)» ئىلمىنىڭ دىنىي ئاساسلىرىنى تەتقىق قىلدۇق. ئەسلىدە مۇسۇلمانلار تەنقىد ئۇسۇلىنى دەسلەپكى دەۋرىدىلا ئىشلىتىشكە باشلىغان ئىدى. بولۇپمۇ قۇرئان كەرىم ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىدە تەنقىدنىڭ ئەڭ گۈزەل ئۆرنەكلىرىنى ساھابىلەرگە كۆرسەتكەن ۋە بۇ توغرىدا دەرس بەرگەن ئىدى. ئايەتلەردە بولسۇن ياكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنىڭ ھەدىس ۋە سۈننەتلىرىدە بولسۇن بەك كۆپ مەقسەتلەرنىڭ تەنقىدىي يوسۇندا يۇرۇتۇلغانلىقى سابىتتۇر. ھەتتا قۇرئان كەرىمدە رەسۇلۇللاھنىڭ ياكى ساھابىلەرنىڭ بەزى ئىش-ھەرىكەتلىرىنىڭ تەنقىد قىلىنغانلىقى، يەنە بىر تەرەپتىن ئاللاھ تائالانىڭ ۋە ئۇنىڭ ئۇلۇغ پەيغەمبىرىنىڭ تەنقىدتە ھېچبىر زامان ھەققانىيەتتىن ئايرىلمىغانلىقى مەلۇم. چۈنكى قۇرئان كەرىمدە ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىدە كۆپ يەردە مۇشرىكلارنى، كاپىرلارنى، مۇناپىقلارنى، يەھۇدىي ۋە خىرىستىئانلارنى ئەيىبلىنىشكە تېگىشلىك قىلىقلىرى سەۋەبلىك تەنقىدلىگەن. لېكىن ئەينى ۋاقتىدا بۇ تەنقىد قىلىشنىڭ سەۋەبلىرىنى ناھايىتى چىرايلىق بىر شەكىلدە ئوتتۇرىغا قويغان.
كېيىنكى دەۋرلەردە بولسا ساھابىلەرنىڭ ئۆز ئىچىدە بۇ تەنقىد ئېڭىنى ئەڭ گۈزەل ئۇسۇلدا راۋاجلاندۇرغانلىقنى كۆرمەكتىمىز. ھەدىس تارىخىدا بولۇپمۇ ھىجرى بىرىنچى ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن ئىتىبارەن ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىغان «پىتنە» زامانى ئارقىسىدا، ھەدىس رىۋايەتلىرىدە مەجبۇرى بىر ھالەتكە كەلگەن سەنەد-ئىسناد قوللىنىش ۋاستىسى بىلەن «رىجال تەنقىدى» ئۇسۇللىرىمۇ كۆرۈنۈشكە باشلىغان. مۇشۇ تەرزدە ھەدىس ئىلمى بىلەن باشلانغان بۇ رىجال تەنقىدى يەنە ئوخشاش ساھەدە «جەرھ ۋە تەئدىل ئىلىمى» سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىققان ۋە ساھابىلەرنىڭ سىرتىدا رەسۇلۇللاھتىن ھەدىس رىۋايەت قىلغان كىشىلەردىن ھېچكىم بۇ تەنقىدتىن ساق قالمىغان. ساھابىلەر بولسا «ئادالەت» جەھەتتىن ئەمەس «زەبتى(ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى)» تەرىپىدىن بىر-بىرىنى تەنقىد قىلغان. دۇنيادا ھەدىس تارىخىدا ئىشلىتىلگەن بۇ تەنقىد ئۇسۇللىرىنىڭ ئوخشىشىنى تېپىش مۇمكىن ئەمەس.
كۈنىمىزدىكى بىز مۇسۇلمانلارمۇ ئىسلام تارىخىدا بەك گۈزەل بىر شەكىلدە ئىشلىتىلگەن بۇ تەنقىد ئېڭىغا ھەر زاماندىكىدىن تېخىمۇ بەكرەك مۇھتاجمىز. ئىسلام ئۈممىتىنى قايتىدىن بۇرۇنقى ھەيۋەتلىك زامانلىرىدىكىگە ئوخشاش يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرىدىغان ئەسلى روھنىڭ مۇشۇ تەنقىدىي قاراش نۇقتىسىنى بېسىپ ئۆتىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. بۇنىڭ ئۈچۈن تارىختا تېخمۇ كۆپ ئەھلى رەئيى تەرىپىدىن ئورۇندالغان ھەم دەلىللەرگە ھەمدە ئەقىلگە كېرەكلىك دەرىجىدە ئەھمىيەت بەرگەن ھەنەفىي-ماتۇرىدىي يولىغا ئەگىشىشنىڭ پايدىلىق بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.
ئاپتورى: پروفىسسور دوكتور بەكىر تاتلىق
ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: دوكتورانت تۇرغۇنجان ھەدىسچى
داۋامى: