ئىماننىڭ تەسىرى قەيەردە نامايان بولىدۇ
ئىماننىڭ تەسىرى مەسچىتتىكى نامازدا، روزىدا، ھەجدە كۆرۈنگەندىن بەكرەك نەپسى خاھىشىغا قارشى جىھاد قىلىشتا، كىملىكى ۋە قىممەت قاراشلىرىدا چىڭ تۇرۇشتا، باشقىلار بىلەن بولغان ئىقتىسادىي مۇئامىلە ئىشلىرىدا سەمىمىي ۋە ۋاپادار بولۇشتا، زالىم دۈشمەنلەرگە نەپرەت بىلدۈرۈپ ھەرىكەت قىلىشتا، كىملىكى ۋە قىممەت قاراشلىرىنى قوغداشتا، شەخسىي ۋە ئىجتىمائىي ساھەدە ئەقىدە ۋە ۋەتەن- مىللەت ئۈچۈن قولىدىن كېلىشىچە كۈچ چىقىرىشتا كۆرۈنىدۇ.
بىر ئادەمنىڭ ئىمانىنىڭ ھالىتىنى مەسچىتتىكى ھالىتىدىن ئەمەس، بەلكى ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي مۇئامىلىسى، ئىدىيەسى، قىممەت قارىشى ۋە ئەخلاقىدىن بىلگىلى بولىدۇ.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي