يېشىغا يەتكەن قىزلار نېمىگە موھتاج؟
بالاغەت يېشىغا يەتكەن قىزلار بۇ باسقۇچتا مىجەزىنىڭ ئۆزگىرىشى، ئەسەبىيلىك ۋە سەزگۈرلۈكتىن ئىبارەت بىرقانچە تۈرلۈك ئەھۋاللارغا دۇچ كېلىدۇ. بالاغەت يېشىغا يەتكەن قىزلاردىكى بۇ ھالەتلەرنى بىر ئاز سەۋرچان بولۇش، كۆيۈنۈپ ياخشى مۇئامىلە قىلىش ۋە يېقىن دوست تۇتۇش ئارقىلىق تۈزەتكىلى بولىدۇ.
يېشىغا يەتكەن قىزلارغا توغرا مۇئامىلە قىلىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئىشلارغا دىققەت قىلىش لازىم:
1. يېشىغا يەتكەن قىزلارنىڭ گەپ-سۆزلىرىنى تولۇق دېگىلى قويۇش ۋە گەپلىرىگە قۇلاق سېلىش،
2. ئۇلارنىڭ پىكىرلىرىنى ھۆرمەتلەش، يەنى پىكىر ئوخشاشماسلىقىنى ( دىنى جەھەتتىن خاتا بولمىسىلا) قوبۇل قىلىش،
3. ئۇلارنىڭ خۇسۇسىيىتىنى ھۆرمەتلەش،
4. ئۇلار بىلەن مۇئامىلە قىلغاندا سەۋرچان ۋە ئېغىر بېسىق بولۇش،
5. ئۇلارنى دوست تۇتۇش ۋە دوستقا ئوخشاش گەپ -سۆز قىلىش،
6. ئۇلارغا يۈرۈش- تۇرۇش، ئاتا-ئانا بىلەن بولىدىغان مۇناسىۋەتلەردە ۋە باشقىلار بىلەن بولىدىغان مۇناسىۋەتلەردە قائىدە ۋە چەك-چېگرا بەلگىلەش،
7. ھەرقانداق ئەھۋالدا مۇناسىۋەتنى ئۈزۈۋەتمەسلىك،
7. ئىشەنچ تۇيغۇسى بېرىش ۋە خاتىرجەم قىلىش،
8. كۆڭۈل بۆلۈش ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ تۇرۇش،
9. كىيىم-كېچەك ۋە باشقا ئىشلىرىدا مەلۇم دەرىجىدە ئەركىنلىك بېرىش،
10. ھۆرمەت قىلىش، قەدىرلەش ۋە توغرا ئىشلىرىنى قوللاش،
11. يېشىغا يەتكەن قىز بىلەن كۆپ ۋاقىتنى بىرگە ئۆتكۈزۈش،
12. قۇچاقلاپ سۆيگۈ بېرىش ۋە ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئىپادىلەش،
13. ئاچچىقى كېلىپ قالغاندا، تالاش- تارتىش قىلماسلىق،
14. ئىستىلى جەھەتتىكى خاتا ئىشلارنى ئېنىق بەلگىلەپ بىلدۈرۈش. يەنى يۈرۈش-تۇرۇشتىكى، گەپ- سۆزدىكى ۋە كىيىم-كېچەكتىكى ھالال-ھارامنى ئېنىق بىلدۈرۈش،
15. يېشىغا يەتكەن قىزلارغا گەپ – سۆز ۋە ئىش-ھەرىكەتتە قوپال ئۇسۇل قوللىنىشتىن ساقلىنىش،
16. يېشىغا يەتكەن قىزلارغا گەپ قىلغاندا ۋارقىراپ گەپ قىلماسلىق،
17. بىر ئىشقا بۇيرۇغاندا، ئامال بار بىۋاسىتە بۇيرۇق شەكلىنى قوللانماي دوستتىن تەلەپ قىلغاندەك ئۇسۇلدا گەپ قىلىش،
18. تالاش-تارتىش يۈز بەرگەندە بۇرۇنقى خاتالىقلىرىنى يۈزىگە سالماسلىق،
19. باشقىلار بىلەن سېلىشتۇرماسلىق،
20. ئۇرۇشتىن، تىللاشتىن ۋە ھاقارەت قىلىشتىن ساقلىنىش،
21. ئوقۇش، ئارام ئېلىش، ئويناش، ئۇخلاش، تېلېفون قوللىنىش ۋە باشقا ئىشلىرىغا بىرلىكتە جەدۋەل بېكىتىش،
22. ئىدىيەسى ۋە ئەخلاقى ياخشى بولمىغان قىزلارنى دوست تۇتۇشتىن ئاگاھلاندۇرۇش… قاتارلىقلارغا موھتاج.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي.