ئەر-ئاياللىق ھاياتىدىكى مۇھىم نۇقتىلار
كۆپلىگەن ئەرلەرنىڭ ئەر-ئاياللىق ھاياتىدا ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدىغان نۇقتىسى ئاياللىرىنىڭ ئۇلارغا ھۆرمەت بىلەن مۇئامىلە قىلىش ۋە كۆڭلىنى قاندۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىشىدۇر.
كۆپلىگەن ئاياللارنىڭ ئەر-ئاياللىق ھاياتىدا ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدىغان نۇقتىسى ئېرىنىڭ ئۆزىنى ياخشى كۆرۈشى ۋە قەدىرلىشى ياكى ھۆرمەت بىلەن مۇئامىلە قىلىشىدۇر.
ئەر – ئايالنىڭ ھەربىرى بىر-بىرىگە ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدىغان نەرسىنى ئۆزلۈكىدىن تەقدىم قىلىشقا كۆڭۈل بۆلسە، ئەر-ئاياللىق ھاياتى كۆڭۈللۈك ۋە خاتىرجەملىك ئىچىدە ئۆتىدۇ.
ئەلۋەتتە، بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە بەزى ئەرلەر ئانىسىنىڭ ئايالى تەرىپىدىن ھۆرمەتلىنىشىنى ياخشى كۆرىدۇ، بەزىلەر ھەرخىل تاماقلارنىڭ ئېغىزغا تېتىغۇدەك تەييارلىنىشىنى ياخشى كۆرىدۇ، بەزىلەر ئىقتىسادچان بولۇشنى ياخشى كۆرىدۇ.
دېمەك، ئەر-ئاياللىق ھاياتى ياخشى كۆرۈش بىلەن بىرلىكتە ئۆزئارا بىر-بىرىنى ھۆرمەتلەشنى تەقەززا قىلىدۇ.
ياخشى كۆرۈش ياكى سۆيگۈ-مۇھەببەت دېگەن ئۆزئارا كۆيۈنۈش، بىر-بىرىگە ياخشى مۇئامىلە قىلىش، بىر-بىرىگە ۋاپادار بولۇش، بىر-بىرىگە ئىللىق چىراي بىلەن مۇئامىلە قىلىش، بىر-بىرىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى پات-پات ئىپادىلەپ تۇرۇش، ئۆزئارا كەڭ قورساق بولۇش، بىر-بىرىگە ئەقىدە ۋە ۋەتەن-مىللەت ئالدىدىكى مەسئۇلىيەتنى ئەسلىتىپ تۇرۇش، كىملىك ۋە قىممەت قاراشقا تەڭ كۆڭۈل بۆلۈش، ئايالنىڭ ئەرگە توغرا ئىشلاردا ئىتائەت قىلىشى ۋە ھۆرمەتلىشى، ئەرنىڭ ئايالىغا ياخشى مۇئامىلە قىلىشى ۋە ھۆرمەتلىشى دېمەكتۇر.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي.