تۇرمۇشتا نەتىجە قازىنىش ئۇسۇللىرى
1. ھاياتتا چوڭ نىشانلارنى كۆزلەپ ئالدىغا قاراپ مېڭىش.
2. ۋاقىتنى ئىسراپ قىلماسلىق ياكى زايە قىلماسلىق، چۈنكى ۋاقىت قىممەتلىك ۋە ئۆمۈر قىسقا. شۇڭا، ناماز، ئۇيقۇ، ئىش – ھەرىكەت، يېمەك-ئىچمەك، ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت ۋە چېنىقىشنى رەتكە سېلىش مۇھىم.
3. پۇرسەت كەلسىكەن دەپ كۈتۈپ ئولتۇرماستىن، پۇرسەتنى ئىزدىنىپ تېپىپ چىقىش.
4. قىيىنچىلىقلار ئالدىدا چىداملىق بولۇش.
5. ئوقۇشتا بىر يىل مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان ياكى تۇرمۇشتىكى بىرەر ئىش ھەرىكەتتە يىقىلىپ چۈشكەن بولسا، ئورنىڭدىن دەس تۇرۇش ۋە ئۆزىنىڭ ئۇ ئىشنى قىلالايدىغانلىقىغا ئىشەنچ تۇرغۇزۇش.
6. ساغلام ئىدىيەگە ئىگە ئىلغار شەخسلەردىن بىرنى ئۆرنەك تۇتۇپ ياشاش.
7. ھاياتىنى بىرەر كىشىنىڭ يېتەكلىشىگە باغلاپ قويماسلىق، باشقىلارنىڭ سايىسى بولۇپ ياشىماسلىق، مۇستەقىل شەخسىيىتىنى يېتىلدۈرۈش.
8. ھاياتتا كۆزلىگەن بۈيۈك نىشانلىرى ھەققىدە ئۆزىگە ئىشەنچ تۇرغۇزۇش.
9. پۈتۈن كۈچىنى ئىشقا سېلىش ۋە ئىشىدا نەتىجە قازىنىشقا ئىشىنىش.
10. مەسئۇلىيەتچان بولۇش.
11. ئۆزىگە يالغان سۆزلەشتىن توختاش ۋە ئەمەلىيەتچان بولۇش،
12. پايدا كەلتۈرمەيدىغان ئىشلارنى دەپ ۋاقىتنى ۋە كۈچنى زايە قىلماسلىق،
13. ئاچچىغى كەلگەندە ئۆزىنى كونترول قىلىشنى ئۆگىنىش،
14. دوستلىرىنى ھېكمەت بىلەن تاللاش، ئۆزىدىن ئىلغار كىشىلەرنى دوست تۇتۇشقا كۆڭۈل بۆلۈش،
15. ئاللاھ ئاتا قىلغان ھەربىر نەرسىنىڭ قىممىتىنى بىلىش ۋە قەدىرلەش.
16. كىشىلەر بىلەن ئارىلىشىپ ياشاش ئارقىلىق جاھاندارچىلىق ماھارىتىگە ئىگە بولۇش ۋە ئىنسانلارنىڭ پىسخىكىسىنى چۈشىنىش.
17. ئەڭ مۇھىمى ھاياتىنى ئاللاھ رازى بولغۇدەك ياشاشقا تېرىشىش ۋە مۇسۇلمانغا ياراشقۇدەك ئىش-ھەرىكەت بىلەن شۇغۇللىنىش… قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي.