ھەرقانداق تەشكىللىك ھەرىكەتنىڭ قائىدە -تۈزۈملىرى بولىدۇ. بىرەر تەشكىلاتقا ئەزا بولغان كىشىنىڭ مەنسۇبىيەت ۋە مەجبۇرىيەت نۇقتىسىدىن ئۆزىنى ئۇنتۇش، مەن دېگەن سۆزنى ئىشلەتمەسلىك، كوللىكتېپ ھەرىكەت قىلىش ئېڭىنى ئاشۇرۇش، كوللىكتېپنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن شەخسى مەنپەئەتىدىن ۋاز كېچىشكە ئوخشاش ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك قائىدە- تۈزۈملىرى ۋە ئەدەب- ئەخلاقلىرى بولىدۇ.
شۇڭا، بىرەر تەشكىلاتقا ئەزا بولغان كىشىنىڭ «مەن بولمىسام ئىش ماڭمايدۇ، ئىش دېگەننى مەندەك قىلىش لازىم، ھېچكىم مەندەك ئىش قىلالمايدۇ» دېگەندەك مەنمەنچىلىكنىڭ ئىپادىسىنى بىلدۈرۈپ قويىدىغان سۆزلەرنى ئىشلىتىشتىن ساقلىنىشى لازىم. شۇنداقلا، مەن دېگەن سۆزنىڭ ئورنىغا بىز دېگەن سۆزنى قوللىنىشى، ئىمزا قويۇپ ئەزا بولغان تەشكىلاتنىڭ ئەھدىنامىلىرىگە ئەمەل قىلىشى لازىم، چۈنكى بۇنىڭغا ئەمەل قىلىش ئەزالىقنىڭ ياكى مەنسۇبىيەتنىڭ تەقەززاسىدۇر.
شۇنىڭدەك، كىشىلەرنىڭ مەنمەچىلىك قىلىپ ئۆزى ھەققىدە كۆپ گەپ قىلىدىغان، ئۆزىنى قالتىس چاغلايدىغان، ئۆزىنى داھىي سۈپەت كۆرسىتىشكە ئۇرۇنىدىغان، ھەر قانداق ئىشتا پەزىلەتنى ئۆزىگە مەنسۇپ قىلىدىغان كىشىلەرنى ياخشى كۆرمەيدغانلىقىنى ئۇنۇتماسلىق كېرەك.
بىر ئىشنى ئىبادەت ۋە ئىتائەت دەپ قارىغان مۇسۇلمان دېگەن ئىش – ھەرىكەتلەرنىڭ قوبۇل بولماسلىقتىن ئەنسىرەپ، كەمتەرلىك ۋە ئىخلاسمەنلىك روھىنى يارىتىشى ئىنتايىن مۇھىم، چۈنكى ئاللاھ سەمىمىي بولغان كىشىلەرنىڭلا ئىش- ھەرىكەتلىرىنى قوبۇل قىلىدۇ: «إِنَّمَا يَتَقَبَّلُ اللَّهُ مِنَ الْمُتَّقِينَ» (مائىدە، 27 – ئايەت). بۇ ئايەتكە ئاساسەن، نىشانغا قارىتا نىيەتنى توغرىلاش، باشقا قېرىنداشلارغا قارىتا كۆزقاراشنى توغرىلاش، ئۇلار ھەققىدە ياخشى ئويدا بولۇش مەنمەنچىلىك ۋە مەغرۇرلۇق ئىللىتىدىن قۇتۇلۇشنىڭ توغرا يولىدۇر.
ئاللاھ بىزنى مەنمەنچىلىك، مەغرۇلۇق قىلىشتىن ۋە ئۆزىنى ئاقلاشتىن ئاگاھلاندۇرۇپ: «فَلَاتُزَكُّوا أَنْفُسَكُمْ هُوَ أَعْلَمُ بِمَنِ اتَّقَى» دەيدۇ (نەجم سۈرىسى، 32). بۇ ئايەتكە ئاساسەن، بۈگۈنكىدەك ھەسساس مەزگىلدە كىم بىر ياخشى ئىشنى قىلسا، مەن دېگەن مۇنداق قىلىۋەتتىم، ئىش دېگەننى مەندەك قىلىش لازىم دېگەندەك مەنمەنچىلىكنى ئىپادىلەيدىغان سۆزلەرنى قىلىپ يۈرمەي، ئەمەلىي پايدىلىق ھەرىكىتى ئارقىلىق ئىش قىلغان ياخشى، چۈنكى ياخشى ئىش – ھەرىكەت ياخشى كىشىلەرنى جەلپ قىلالايدۇ.