ئانا تىل كىملىك بەلگىسىدۇر
ئانا تىل مىللىي كىملىكنىڭ ئەڭ مۇھىم پارچىسىدۇر ۋە تەۋەلىك شەكىلەندۈرگۈچى ئامىلىدۇر.
ئانا تىل تارىختۇر، مەدەنىيەتتۇر، مىراستۇر ۋە مىللەتنىڭ بايلىقىدۇر.
ئانا تىل ئىدىيە ئامىلىدۇر، ئىلھام مەنبەسىدۇر ۋە ھېس تۇيغۇ ئاساسىدۇر.
ئانا تىل مىللەتنىڭ ئەقىدىسى، كىملىكى، تارىخىي، ھازىرى، كەلگۈسى، ئىجادىيىتى ۋە مىراسىنى ئۆ ئىچىگە ئالغان بۆشۈكتۇر. ئانا تىل ئالاقىلىش ۋاسىتىسى بولغاندىن سرت مىللەتنى ئەقلىي، تۇيغۇ ۋە ۋىجدان جەھەتتىن بىر-بىرىگە باغلاپ تۇرىدىغان ئامىلدۇر.
بۇ سەۋەبتىن، تاجاۋۇزچىلار مۇستەملىكىگە دۇچ كەلگەن مىللەتنىڭ تىلىنى يوقىتىش، بۇزۇش ۋە ئاجىزلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئۇ مىللەتنىڭ كىملىكىنى، كۈلتۈرىنى ۋە تەپەككۇر ئۇسۇلىنى يوقىتىشقا ئۇرۇنىدۇ. چۈنكى ئانا تىل مىللەتنىڭ مىللىي كىملىكىنى ۋە كۈلتۈرىنى ساقلايدىغان ئەڭ مۇھىم ئامىلدۇر.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي.