ۋەتەن سۆيگۈسى
ئىنساننىڭ يۇرتىنى ياخشى كۆرۈشى ئىنساندىكى تەبىئي خاراكتېر. ئىنساننىڭ يۇرتىدىن مەھرۇم بولىشى ياكى سۈرگۈن قىلىنىشى ئەڭ بۈيۈك مۇسىبەت.
قۇرئان كەرىم يۇرتتىن چىقىرىلىش ياكى ۋەتەنسىزلىكنى ئۆلۈم بىلەن تەڭ ئورۇندا قويغان، ئىنساننىڭ يۇرتتىن چىقىرىلىشى جاننىڭ بەدەندىن چىقىپ كەتكىنىگە ئوخشاش:«ئەگەر بىز ئۇلارغا:«ئۆزۈڭلارنى ئۆلتۈرۈڭلار ياكى يۇرتۇڭلاردىن چىقىپ كېتىڭلار»دەپ ئەمر قىلغان بولساق،ئۇلارنىڭ ئازغىنىسىدىن باشقىسى بۇنى ئىجرا قىلمايتتى» (نىسا سۈرىسى،66-ئايەت)
بۇ ئايەت ئىنساننىڭ ۋەتىنىگە بولغان سۆيگۈسى بىلەن ھاياتىنى ياخشى كۆرۈشىنىڭ تەڭ ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلغان.
قۇرئان كەرىم يەنە: «ئاللاھ سىلەرنىڭ دىنىڭلارغا چېقىلمىغان ۋە سىلەرنى يۇرتۇڭلاردىن قوغلاپ چىقارمىغان كاپىرلارغا ئادىل ۋە ياخشى مۇئامىلە قىلساڭلار چەكلىمەيدۇ» (مۇمتەھىنە سۈرىسى، 8-ئايەت) دەيدۇ.
بۇ ئايەت دىننى سۆيۈش بىلەن ۋەتەن سۆيگۈسىنى تەڭ ئورۇندا بايان قىلغان. ئايەتنىڭ بۇ ئىككى ئىشنى بىرلەشتۈرۈپ بىر ئورۇندا بايان قىلغىنى ھەر بىرسىنىڭ ئورنىنىڭ يۇقىرىلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
ئابدۇراھمان كاشىغەرىي.