ئائىلىدىكى ئەرلىك ئۈلگىسى
پەيغەمبەرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ كۆرسەتمىلىرى ۋە يوليورۇقلىرى ھەربىر مۇسۇلماننىڭ ھاياتى ئۈچۈن ئەڭ گۈزەل ۋە ئەڭ ئىلغار ئۈلگە ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر مۇسۇلمانلار پەيغەمبەرىمىزنىڭ سۈننىتىگە ۋە يوليورۇقلىرىغا تولۇق ئەگەشكەن بولسا، ھاياتى ۋە تۇرمۇشلىرى خۇرسەن بولغان بولاتتى، ئىش- ھەرىكەتلىرى مۇۋەپپەقىيەتلىك ۋە غەلىبىلىك بولغان بولاتتى.
ھەزرىتى ئائىشە ئانىمىزنىڭ بايان قىلىشىچە، پەيغەمبەرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام: «رامىزان تۇتقان ھالىتىدە ئايالىنى سۆيۈپ قوياتتى، قۇچاقلاپ قوياتتى، لېكىن نەپسىنى باشقۇرالايتتى» دەيدۇ (ئىمام مۇسلىم بايان قىلغان).
ئىنسانىيەتنىڭ ئۈلگىسى ۋە يول باشچىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئەڭ ھالقىلىق بىر زاماندا دۆلەت ئىدارە قىلىۋاتقان، ئىنسانلارنى ھىدايەتكە چاقىرىۋاتقان ۋە ئىنسانىيەت تارىخىنى توغرا يۆنىلىشكە يۈزلەندۈرۈۋاتقان باسقۇچتىمۇ ئائىلىسىنى خۇرسەن قىلىشقا ئۇرۇناتتى، كۆڭۈل خوش قىلىدىغان سۆز ۋە ھەرىكەتلەرنى قىلىپ تۇراتتى. ئۇنىڭ بېشىدا شۇنچە كۆپ غەم ۋە ئېغىر يۈك تۇرۇقلۇق ئايالىنىڭ كۆڭلىنى ئېلىشقا، ئائىلىسىنى خۇشال قىلىشقا ۋە ئائىلىدە باھار ھاۋاسى يارىتىشقا سەل قارىمايتتى. ئۇ بۇ ئارقىلىق ئائىلە ھاياتى بىلەن سىرتنىڭ ئىشلىرىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى ئەسكەرتىۋاتاتتى ۋە تۇرمۇش ئىشلىرىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشقا سەل قاراشنىڭ ئائىلە ھاياتىغا ۋە باشقا ئىشلارغا سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى ھەققىدە تەلىم بېرىۋاتاتتى.
دېمەك، تىجارەت قىلىدىغان، ياكى ئىشلەيدىغان، ياكى سىياسەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئەرلەر سىرتقى خىزمىتى بىلەن بىرلىكتە ئائىلىنىڭ تۇرمۇشىغا، ئايالىنىڭ كۆڭلىگە، بالىلارنىڭ ھەققى ۋە تەربىيەسىگە سەل قارىسا، تۇرمۇش ئىشلىرىدا تەڭپۇڭسىزلىق كېلىپ چىقىدۇ ۋە تۇرمۇشتا ھەرتۈرلۈك ئوڭۇشسىزلىقلارنىڭ كېلىپ چىقىشىغا ئېلىپ بارىدۇ.
ئىنسانىيەتنىڭ يېتەكچىسى ۋە دۆلەتنىڭ رەئىسى بولغان پەيغەمبەرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتىغا قارايدىغان بولساق، ئۇ ئائىلە ھاياتىنى سۆيگۈ-مۇھەببەت ئىچىدە ئۆتكۈزەتتى، شۇنچىۋالا ئىشلىرى كۆپ تۇرۇقلۇق ئائىلىسىنى خۇرسەن قىلىش ئۈچۈن ۋاقىت ئاجرىتاتتى، ئايالىغا كۆڭلىدىكى تاتلىق سۆزلەرنى ئىپادىلەيتتى.
ئەمما زامانىمىزدىكى بىر قىسىم كىشىلەر بولسا، ئايالىغا ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ كۆڭلىدىكى سۆزنى دېيىشتىن خىجىللىق ھېس قىلىدۇ، شېرىن -شېكەردەك تاتلىق گەپلەرنى قىلىشنى ئارتۇقچە ئىشتەك ھېس قىلىدۇ، باشقا يەردە بولغان زامانلىرىدا پات – پات تېلېفون ئارقىلىق گۈزەل سۆزلەرنى قىلىپ تۇرۇشنى ئېغىر كۆرىدۇ، سىرتتا بولۇپ كېچىكىپ قالىدىغان ۋاقىتلىرىدا تېلېفون ئېلىپ بىلدۈرۈپ قويۇشنى ئەيىب دەپ بىلىدۇ، ئايالىغا جېنىم، ھاياتىم، سېنى ياخشى كۆرىمەن… دېگەندەك تاتلىق گەپلەرنى قىلىپ تۇرۇشنى بىلمەيدۇ، شەخسىي پىلانلىرى ياكى تىجارەت ئىشلىرى ياكى خىزمەت بىلەن بولۇپ كېتىپ ئايالىنىڭ كۆڭلىنى ئېلىشقا ۋە بالىلىرىغا ئاتىلىق مېھرىنى بېرىشكە سەل قارايدۇ.
ئەر-ئاياللىق ھاياتىدىكى سۆيگۈسىز تۇرمۇش، ھېسسىيات قۇرغاقچىلىقى، بىر خىل ھالەتكە كۆنۈۋېلىش، بىر-بىرىنىڭ كۆڭلىنى ئېلىپ تۇرۇشقا ئەھمىيەت بەرمەسلىك ئەھۋاللىرى ئائىلە ھاياتىنى بىر-بىرىنى قەدىرلىمەيدىغان ۋە بىر-بىرىگە مېھىر بەرمەيدىغان سوغۇق ھاياتقا ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ. نەتىجىدە مەسئۇلىيەتسىزلىك، قوپاللىق ۋە جېدەل ماجىرا يۈز بېرىدۇ.
زامانىمىزدىكى ئەر-ئاياللارنىڭ ئاجرىشىپ كېتىش ئەھۋاللىرىنىڭ كۆپ قىسىمى ئەر -ئاياللىق ماھارىتىنى بىلمەسلىك، بىر-بىرگە سۆيگۈ بېرەلمەسلىك، گۈزەل تىل بېخىللىقى، كۆڭۈل قۇرغاقچىلىقى، بىر -بىرىنىڭ كۆڭلىنى ئېلىشقا تىرىشماسلىقى ۋە بىر-بىرىگە يول قويماسلىقى سەۋەبلەردىن كېلىپ چىقماقتا.
ئەسلىدە، ئەر-ئاياللار پەيغەمبەرىمىزنىڭ ھاياتىنى ئۆرنەك تۇتسا، ئەر-ئاياللىق ماھارىتىنى يېتىلدۈرسە، ھەرپۇرسەتتە بىر-بىرىگە تاتلىق سۆزلەرنى قىلىپ تۇرسا، كۆڭلىدىكى تاتلىق گەپلەرنى ئىپادىلەپ تۇرسا، ئائىلە ھاياتى گۈزەل بىر ھاياتقان ئايلانغان بولاتتى، كۆڭۈللەر راھەت ۋە تەسەللىي تاپقان بولاتتى، پىسخىكىلىرى بۇزۇلمىغان بولاتتى. بالىلىرى بولسا پىسخىكا، سۆيگۈ، مېھر ۋە تەربىيە جەھەتتىن ھۇزۇر تاپقان بولاتتى.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي.