ھېيتنىڭ تەلەپ تەقەززالىرى
ھېيتنىڭ ئىبادەت روھىغا ئۇيغۇن ئىش قىلىش،
ئىمانى قېرىنداشلىق روھىغا ئەمەل قىلىش،
قەلبنى ۋە تىلنى پاكىز تۇتۇش،
تۇغقانلىرىنى ۋە بىر-بىرىنى زىيارەت قىلىش،
بىر-بىرىگە ياخشى دۇئالارنى قىلىشىش،
ئۆز ئارا كەڭ قورساق بولۇش ۋە بىر-بىرىنى ھۆرمەتلەش،
قېرىنداشلىرىنى ۋە بالىلارنى خۇرسەن قىلىش،
بىر-بىرىگە ياردەم قولىنى سوزۇش،
ئىمانى قېرىنداشلىرىنىڭ ئەيىبلىرىنى يېپىش،
كېرەكسىز رەنجىشلەرنى ئۇنتۇپ كېتىش،
ئۆز ئارا رەنجىشلەرنى ئۇنتۇپ كېتىش ۋە بىر-بىرىنى كەچۈرۈم قىلىۋېتىش،
ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىىتىلىرىدىكى قېرىنداشلىق روھىغا زىيان يەتكۈزىدىغان پىتنە-پاساتلاردىن يىراق تۇرۇش،
تىلىنى، قولىنىڭ ۋە قەلىمىنىڭ يامان ئىشلارغا ۋاسىتە بولۇپ قېلىشىدىن ساقلىنىش… قاتارلىقلار ھېيتنىڭ تەلەپ تەقەززاسىدۇر.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي