ئاڭلىغان نەرسىنىڭ ھەممىسىنى دەپ يۈرۈش ئېغىر گۇناھ
«ئاڭلىغان نەرسىنىڭ ھەممىسىگە ئىشەنمەسلىك لازىم، چۈنكى يالغانچىلىق ھەقىقەتتىن تېز تارقايدۇ ياكى تېز ئۇچۇپ يۈرىدۇ».
ئەخلاق جەھەتتە ئىنسانىيەتنىڭ ئۈلگىسى بولغان پەيغەمبەرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام: «ئاڭلىغان نەرسىنىڭ ھەممىسىنى سۆزلەپ يۈرۈش، يېيىپ يۈرۈش، تارقىتىپ يۈرۈش، -باشقا گۇناھ ئىزدەپ يۈرمىسىمۇ- گۇناھ جەھەتتە يېتىپ ئاشىدۇ» دەيدۇ (ئىمام مۇسلىم بايان قىلغان).
ئىسلام دىنىمىز كوچىلاردىكى، جەمئىيەتتىكى ۋە ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدىكى گەپ – سۆزلەرنىڭ ھەممىسىگە ئىشىنىشتىن، ئۇلارنى نەقىل قىلىپ يۆتكەپ يۈرۈشتىن، ياكى تارقىتىپ يۈرۈشتىن ئاگاھلاندۇرىدۇ.
دىنىمىز بىرىنچى قىلىپ گەپ – سۆز قىلغاندا راستچىل بولۇشقا بۇيرۇيدۇ، پايدىلىق ۋە ياخشى گەپ – سۆزلەرنى تارقىتىشقا بۇيرۇيدۇ، باشقىلارنىڭ ئىززەت ئابرۇيىغا چېقىلىدىغان غەيۋەت ياكى زىيانلىق گەپ – سۆزلەرنى تارقىتىشنى سۇخەنچىلىك ۋە گۇناھ دەپ بەلگىلەيدۇ.
دىنىمىز ئىككىنچى قىلىپ بىرسى بىرەر خەۋەرنى ئاڭلىغان بولسا، ئۇ خەۋەرنىڭ راست يالغانلىقىنى ئىشەنچلىك مەنبەدىن تەكشۈرمەستىن ئۇدۇل نەقىل قىلىپ يالغانچى ياكى غەيۋەتچى ياكى تۆھمەتچى بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن، ئۇنى ئەسلىي مەنبەسىدىن ئېغىر بېسىقلىق بىلەن تەكشۈرۈشكە ۋە شۇ ئاساستا مۇئامىلە قىلىشقا بۇيرۇيدۇ.
خەۋەرنىڭ مەنبەسى نامەلۇم بولسا، ياكى سالاھىيىتى ئېنىق بولمىغان بىرسى تەرىپىدىن تارقىتىلغان بولسا، ياكى پاسىقلىقى ئاشكارا بىر ئادەم تەرىپىدىن تارقىتىلغان بولسا، ياكى ئىسلام دۈشمەنلىرى تەرىپىدىن بىر مۇسۇلمان ھەققىدە تارقىغان بولسا، ئۇنداق خەۋەرگە ئىشىنىپ قېلىشتىن، ياكى قوللاپ سېلىشتىن، ياكى تارقىتىپ سېلىشتىن قاتتىق ئاگاھلاندۇرىدۇ.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي