يەر تەۋرەش ئىنساننىڭ ئاجىزلىقىنى ئەسلىتىدۇ
يەر تەۋرەش ئىنساننىڭ ئاجىزلىقىنى ئەسلىتىدۇ،
غاپىل قەلبلەرنى ئويغىتىدۇ،
قۇرئان تىلاۋىتىگە ھەيدەكچى بولىدۇ،
گۇناھ ۋە يامان ئىشلاردىن ئاگاھلاندۇرىدۇ،
بەندىلەرنىڭ تەۋبە قىلىشى ۋە ئاللاھقا يالۋۇرۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ،
سىناقنىڭ ھەرخىل ئۇسۇلدا كېلىدىغانلىقىنى ئەسلىتىدۇ،
ئاللاھنىڭ تەقدىرىنىڭ غالىب ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىدۇ،
ئۆلۈمنىڭ ئويلىغاندىنمۇ يېقىن ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرىدۇ،
ئىنساننىڭ ھەرزامان ئۆلۈمگە تەييار تۇرۇشغا تەشەببۇس قىلىدۇ.
تەقدىر ئەقىدىسىكى ئاللاھ خالىغان ئىشنىڭ بولىدىغانلىقىنى، خالىمىغان ئىشنىڭ بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.
پەرۋەردىگارىمىز، بىزگە ئامانلىق ۋە كۆڭۈل خاتىرجەملىكى ئاتا قىلغىن، بىزنى غەم قايغۇ ۋە ئەنسىرەشتىن ساقلىغىن.
پەرۋەردىگارىمىز، بىز ئازابىڭنىڭ ئۇشتۇمتۇت كېلىشىدىن، نېمەتلىرىڭدىن قولدىن كېتىشىدىن، خاتىرجەملىكنىڭ ئۆزگىرىپ كېتىشىدىن ۋە يامان تەقدىردىن… ئامانلىق تىلەيمىز.
پەرۋەردىگار، بىز ئۆزىمىزنى، ئائىلىمىزنى، دوستلىرىمىزنى ۋە قېرىنداشلىرىمىزنى ساڭا تاپشۇردۇق، ئۆز پاناھىڭدا ساقلىغىن.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي.