مۇستەملىكىنىڭ ئېسىل شوئارلىرى ۋە ھەقىقىي يۈزى
تاجاۋۇزچىلار مۇستەملىكىگە چۈشۈپ قالغان مىللەتلەرنىڭ مەنىۋى ۋە ماددىي مەنپەئەتلىرىگە مۇناسىۋەتلىك رېئاللىقنى ئىنكار قىلىشتا ياكى رېئاللىقنى يوشۇرۇشتا ئېسىل شوئارلار ئارقىسىغا يوشۇرۇنۇۋالىدۇ.
تاجاۋۇزچىلار بۇنىڭلىق بىلەنلا كۇپايىلىنىپ قالماستىن يەنە ئېنىق كۆز بىلەن كۆرگىلى بولىدىغان رېئاللىقنىمۇ قاراپ تۇرۇپ ئىنكار قىلىدۇ، چۈنكى تاجاۋۇزچىلارنىڭ نىشانى مۇستەملىكىگە چۈشۈپ قالغان ئىنسانلارنىڭ ھۆرلۈك، گۈللىنىش، ئالغا ئىلگىرىلەش ۋە مەدەنىيەت يارىتىش ئىرادىسىنى يەنجىپ تاشلاپ، ھەر زامان ئۆزىگە بېقىنىپ ياشايدىغان ھالغا كەلتۈرۈپ قويۇشتىن ئىبارەت.
ئۇلار مەزلۇم مىللەتلەرنىڭ مەنىۋىيىتىنى يەنچىپ تاشلاش پىروگراممىسىدا دەسلەپتە جەمئىيەتتىكى ھەر بىر شەخسنىڭ قىممىتىنى چۈشۈرۈۋېتىدۇ، ئوبرازىنى خۇنۈكلەشتۈرۈۋېتىدۇ، مەدەنىيەتسىز قالاق كۆرسىتىدۇ، ئاندىن رىقابەتلەشمەكچى بولغانلارنىڭ ئىقتىدارىنى ۋە ئىجتىمائىي رىقابەتتىكى كۈچىنى تۆۋەن كۆرسىتىش ۋە كۆزگە ئىلماسلىق ئارقىلىق ئۇلارنى ئەخلاقى جەھەتتىن بۇلغىماقچى بولىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن ھاراق ۋە خېروئىن ئارقىلىق مىللەتنى ئۇخلاتماقچى بولىدۇ.
بۇنىڭغا قارشى چىققان كىشىلەر خەتەرلىك ئۇنسۇرلار ۋە ياكى ئىدىيەسى خەتەرلىك ئىنسانلار تىزىملىكىدىن ئورۇن ئالىدۇ.
تاجاۋۇزچىلار مۇستەملىكىگە چۈشۈپ قالغان كىشىلەرنىڭ قارشىلىشىش روھىنى، ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن ئالغا ئىلگىرىلەش روھىنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئىززەت- ھۆرمىتىنى تۆكۈۋېتىدۇ ياكى ھەر تۈرلۈك ئۇسۇللار ئارقىلىق تۆكۈۋېتىشكە ئۇرۇنىدۇ، ھەر تۈرلۈك ئەخلاقسىزلىققا ئائىت تۆھمەتلەرنى كىيدۈرۈپ، ئۇلارنىڭ مەنىۋىيىتىنى تۆۋەنلەشتۈرۈۋېتىدۇ.
دېمەك، تاجاۋۇزچىلار مەھكۇم مىللەتنى ماددىي جەھەتتىن كەمبەغەل قالدۇرۇش ئۈچۈن كېرەكلىك تەدبىرلەرنى ئالغاندەك، يەنە ئۇلارنىڭ ئەخلاقىنى بۇزۇۋېتىش ئۈچۈنمۇ كېرەكلىك تەدبىرلەرنى ئالماي قالمايدۇ.
نەتىجىدە تاجاۋۇزچىلار مەزلۇم مىللەتلەرنى كەمبەغەل قالدۇرۇش ۋە ئۇلارنى ئەخلاقى جەھەتتىن بۇزۇش ۋاسىتىسىنى ئۇلارنىڭ تېڭىرقاپ يۈرۈشى ئۈچۈن قوللىنىلىدۇ.
(مۇتەپەككۇر مالىك نەبىنىڭ پىكىرلىرىدىن ئۈزۈندە)
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي