Screenshot
ھەمكارلىقنى ھىمايە قىلىش ۋە بۆلۈش سىياسىتىگە پۇرسەت بەرمەسلىك
ھەرقانداق بىر سىياسىي ھەرىكەت شەرتنامىنى ئاساس قىلىپ ھەرىكەت قىلغاندا، دۈشمەننىڭ سىياسىي كۈچلەرنى بۆلۈپ يوقىتىش، بىر-بىرىگە قارشى سېلىش ۋە سۈنئىي كۈچ پەيدا قىلىپ بۆلگۈنچىلىك قىلىش سىياسىتىدىن ساقلىنىپ قالالايدۇ. ئەكسىچە، سىياسىي پىرىنسىپ بىرلىكى بولمىسا ياكى سىياسىي ھەرىكەت شەرتنامىسى تۈزۈلمىگەندە، ئىدىيە ئوخشىماسلىقى، تۇتۇپ ماڭىدىغان يول ئوخشىماسلىقى، چۈشەنچە ئوخشاشماسلىقى، مەنپەئەتنىڭ ھەرخىل بولۇشى سەۋەبلىك ھەمكارلىشىش قىيىنغا توختايدۇ ياكى بۆلۈنۈش ئامىلى ھەر زامان كۆز ئالدىمىزدا كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ.
شۇڭا، دۈشمەننىڭ پارچىلاپ باشقۇرۇش سىياسىتىگە تاقابىل تۇرۇشنىڭ توغرا يولى سىياسىي ھەرىكەت شەرتنامىسىنى ئاساس قىلىشتۇر. ئۇنىڭدىن ئىلگىرى ھەرتەرەپ ئۆز ئۈستىدىكى ئامانەت ۋە مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشتۇر، كىملىك ۋە ۋەتەن- مىللەتنىڭ مەنپەئەتىگە خىزمەت قىلىشتا ئۆزى بىلەن سەمىمىي بولۇشتۇر.
ھەرتەرەپ بىر پۈتۈن كىملىك، ۋەتەن- مىللەتنىڭ مەنپەئەتىنى شەخس ۋە تەشكىلاتتىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويغاندا، ئاندىن ئورتاق نىشان ۋە ئورتاق مەنپەئەت ئاساسىدا ھەمكارلىق شەرتنامىسىنى تۈزۈپ چىققىلى بولىدۇ.
سىياسىي ئېقىملار ياكى تەشكىلاتلار مىللەتنىڭ بىر پۈتۈن كىملىكى (دىنى ۋە مىللى) ۋە قىممەت قارىشىنى ئاساس قىلغان ياكى ھۆرمەتلىگەن ئاساستا پىرىنسىپال نۇقتىلاردا بىرلىك ۋە ھەمكارلىق شەرتنامىسى شەكىللەندۈرەلمىسە، ھەرخىل ناملار ئاستىدىكى بىرلىك، ھەمكارلىق ۋە مۇنبەر ئۇزۇن مۇددەت داۋاملىشالمايدىغان قىسقا مۇددەتلىك شوئار ۋە جازىدىن ئىبارەت بولىدۇ.
چۈنكى بىرلىك ياكى ھەمكارلىقتا پىرىنسىپال نۇقتىلارنى ئاساس قىلمىغاندا، ئىدىيە توقۇنۇشى، مەنپەئەت توقۇنۇشى، ياكى نوپۇز توقۇنۇشى… ئالدىدا بەرداشلىق بىرەلمەي پارچىلىنىپ كېتىش ئېھتىمالى ھەر زامان مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي