ئىجابىي ئىلمىي تەنقىدنىڭ پايدىلىرى
ئەقىدە ۋە ۋەتەن -مىللەتكە خىزمەت قىلىش ئۈچۈن قۇرۇلغان ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي ھەرىكەتلەر ساغلام ئاڭ تارقىتىدىغان، مېتود ۋە باسقۇچلىرىنى تۈزىتىپ تۇرىدىغان، ساغلام نىشان -غايىنى ئەسلىتىپ تۇرىدىغان، قاتماللىقلارنى يۇمشىتىدىغان شەكىلدىكى ئىجابىي تەنقىد ۋە قېرىنداشلارچە نەسىھەتتىن بىھاجەت بولالمايدۇ.
شۇڭا، ئىجتىھاد خاراكتېرىدىكى ئىشلارغا، ياكى ئىنسانىي تەجرىبىلەرگە سالاھىيىتى ئېنىق بولغان ۋە ئىدىيەسى ساغلام بولغان كىشىلەر تەرىپىدىن قىلىنغان ئىجابىي تەنقىدنى بىر خىل ئىغۋاگەرچىلىك ياكى ھەرىكەتنىڭ ھەيۋىتىنى چۈشۈرگەنلىك دەپ قاراش توغرا بولمايدۇ.
چۈنكى ئۆز-ئۆزىنى تەنقىد قىلىپ تۇرۇش، مېتودى ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرىنى تەكشۈرۈپ تۇرۇش، خاتالىقلىرىنى ئېتىراپ قىلىپ تۈزىتىۋېلىش، قەلبنى پاكلاش، باشقىلارنىڭ پايدىلىق تەجرىبىلىرىدىن پايدىلىنىش، ئۆز-ئۆزىنى تەنقىد قىلىشنى ئۇسلۇبقا ئايلاندۇرۇش ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرىنى توغرا لىنىيەگە يۈزلەندۈرۈپ تۇرۇش ھەرىكەتنىڭ مەۋجۇت بولۇشى ۋە ئاكتىپلىقىنى ساقلاپ قېلىشى ئۈچۈن ساغلام يولدۇر.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي